ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمىسە بولمايدۇ. پۈتكۈل ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال ياخشى يەپ ياخشى ئىچكەندىن سىرت، تۆۋەندىكى نەچچ ئىشنى قىلالىسا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى چوقۇم ياخشى بولىدۇ.
مۇۋاپىق تۈردە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش
    بىر قىسىم ھامىلدار ئاياللار ھامىلدار مەزگىلىدە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش كىرەكلىكىنىلا بىلىدۇ، ئەمما قانداق قىلغاندا توغرا ئۇسۇلدا ھەم مۇۋاپىق تۈردە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي، قارىغۇلارچە ھالدا قانچىكى كۆپ تۇلۇقلىسا شۇنچە ياخشى دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش قانچىكى كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى ئەمەس، بەلكى ئومۇميۈزلۈك ھەم تەڭپۇڭ ھالدا تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىش ھەممىدىن مۇھىم. ئالدى بىلەن، ھامىلدار ئايالنىڭ تاماق تاللايدىغان ئادىتى بولسا بولمايدۇ، ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ تۈرىنى موللاشتۇرۇش كىرەك، بۇنىڭدا ئۇزۇقلۇقنىڭ ئومۇميۈزلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ ئۇندىن قالسا، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئۇزۇقلىنىش پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىپ، ئۇزۇقلۇق زىيادە ئېشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.
ياخشى روھى ھالەتنى ساقلاش
    ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتىمۇ، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر ھامىلدار ئايال داۋاملىق ئاچچىقلىنىپ، كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش نىسبەتەن چوڭ ھەم كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە نۇرغۇنلىغان زەھەرلىك ماددىلار ھاسىل بولۇپ، ھامىيلىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايالنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ تەسىر يىتىدۇ. بىراق، ئەگەر ھامىلدار ئايال ئاكتىپ ھەم ئۈمىدۋار بولغان روھى ھالەتنى ساقلىيالىسا، ھامىيلىنىڭ ئۇزۇقلۇقنى سۈمۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، بىرلا ۋاقىتتا ھامىيلىنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى
    ھامىلدار ئايالنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسى ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرمۇش ئادىتىدىكى نۇرغۇن ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. مەسىلەن، ھاراق ئىچىپ تاماكا چىكىش، قېنىق گىرىم قىلىش، ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش، ھەمشە شاۋقۇن سۈرەن يۇقىرى بولغان جايلارغا كىرىپ چىقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىسىز بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ خىلدىكى تۇرمۇش ئادەتلىرى بار ھامىلدار ئاياللار، ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشى كىرەك.
ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولۇش
   تۇرمۇشىمىزدا، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولغان ھامىلدار ئاياللار ناھايىتى ئاز بولۇپ، كۆپ قىسىملىرى ھەركۈنى دىگۈدەك ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئۇيقۇ ۋاقتى ۋە سۈپىتى ھەر ئىككىسى كاپالەتكە ئىگە بولالمايدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت بۇنداق بولىۋەرسە، ھامىلدار ئايالنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەپ كىتىپلا قالماي، يەنە تېخى ھامىيلىنىڭ نورمال يىتىلىشى ۋە ئارام ئېلىشىغىمۇ تەسىر يىتىدۇ. ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى كەلگەن ھامىلدار ئاياللارنىڭ بولسا، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ روھى كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ، شۇڭا ھامىيلە ئۈچۈن ياخشى بىر مۇھىت يارىتىپ بىرەلەيدۇ؛ ئۇندىن قالسا، ھامىلدار ئايالنىڭ تېنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئايلىنىۋاتقان ھالەتتە تۇرۋاتقان بولغاچقا، ھامىيلىنىڭ يىتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلۇق سۈمۈرۈشىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号