ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
    دۇڭ چىن تىلغان ئېلىنسا، ئىشىنىمەنكى كۆپچىلىككە ئۇ ناتۇنۇش ئەمەس؛ ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى پىروگىراممىلىرى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئىرىشكەن. يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە تالانت ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇنىڭغا كۆپ يىللىق خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەجىربىلىرى قوشۇلۇپ، ئۇ بالىسىنى تەربىيەلەش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈملەرنى ھاسىل قىلغان. دۇڭ چىننىڭ قارىشىچە، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى بالىلارنىڭ خارەكتىرىنى يىتىلدۈرۈش ئىكەن.
    ئالدى بىلەن، بالىلارنىڭ مەسىلىگە يولۇققاندا سۇغۇق قان بولۇش خارەكتىرىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك؛ بۇ، تۇرمۇشتا مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندىكى ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندىكى ئەڭ ياىشى ئۇسۇل بولۇپ، بىر ئادەم پەقەت ئۆزىنى بېسىۋالغان ۋاقىتتىلا، ئاندىن ئىشنى يوغىنىتىۋەتمەي، يېغىشتۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنالايدىكەن. بۇ ۋاقىتتا، سۇغۇق قان مىجەز، بىزنىڭ مەسىلىلەرنى ئەقىل-ئىدراك بىلەن بىتەرەپ قىلىشىمىزغا پايدىلىق بولۇپ، بۇنداق مىجەزنىڭ بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا پايدىلىق تەسىرى ئىنتايىن زور ئىكەن.
   ئىككىنچىدىن، بالىلارنىڭ بوشاشماس ئىرادىسىنى يىتىلدۈرۈش. ئاشۇ مەغلۇپ بولغان كىشىلەرنىڭ مىساللىرىغا قارايدىغان بولساق، زور بىر قىسمى، ئاخىرغىچە بوشاشماي بەرداشلىق برەلمىگەنلىكتىن بولىدۇ. بالىلار كىچىك ۋاقتىدىلا، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ قويمايدىغان خارەكتىرىنى يىتىلدۈرسەك، بالىلار تېخىمۇ ئەستايىدىل ھەم مەسئۇلىيەتچان، توختىماي ئىزدىنىدىغان ۋە ئالغا ئىنتىلىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. بۇ خىل ھالەت، بىر ئادەمنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە مۇۋەپپىقىيەتكە قەدەم قويۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل ساپاسىدۇر.
    ئاخىرىدا، بالىلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن يۇقىرىغا ئۆرلەشكە ئىنتىلىدىغان خارەكتىرىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك. ئاكتىپ ھالدا يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان خارەكتىر، بىر ئادەمگە تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ ئېلىپ كلىدىغان بولۇپ، ھەربىر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىدا كەم قالمايدىغان بىر خىل پەزىلەتتۇر. ئادەم تىرىشىپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا، ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراشتىن ساقىت بولالمايدۇ؛ ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئادەمنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەشكە ئىنتىلىش خارەكتىرى بولمىسا، ئاسانلا قىيىنچىلىق تەرپىدىن توسۇپ قېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ئاكتىپلىق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەشكە ئىنتىلىش خارەكتىرى، بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号