ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ خىلدىكى بالىلار تېخىمۇ ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىسىنىڭ باشقا بالىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەقلى ئىقتىدارى، بالىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئۆلچەم بولۇپ، گەرچە كۆپ يىللىق تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ئاتا-ئانىسىدىن قالغان ئىرسىيەتكە باغلىق بولسىمۇ، ئەمما كىيىنكى مەزگىللىك يىتىلدۈرۈش بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋىتى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بالىلارنىڭ قىلمىشلىرىغا كۆپرەك دىققەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ چېنىقتۇرۇشنى تەڭشىسە بولىدۇ.
كۈلگۈنچەك بالىلار
    بوۋاقلار بىر ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، سىرتقى دۇنيانىڭ غىدىقلىشىغا قارىتا كۆرۈنەرلىك ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئادەتتە، يىغلاش بىلەن كۈلۈش، بوۋاقلاردىكى ئاساسلىق ئىنكاس قايتۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، يىغلاشقا قارىغاندا، كۈلۈشنى ياخشى كۆرۈش، بالىلارنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. چۈنكى، سىرتقى مۇھىتقا نىسبەتەن، ئۇلار تېخىمۇ بەكرەك قىزىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۈلۈشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلارنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن تۇراقلىق بولۇپ، سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا بولغان ئىنكاسى تېخىمۇ دوستانە كىلىدۇ، بۇنداق بالىلار يىڭى شەيئىلەرنى تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار ئەگەر بوۋىقىنىڭ كۈلۈشكە ئامراق ئىكەنلىكىنى ھەمدە سىرتقى دۇنياغا قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنداقتا بىر ئامال قىلىپ بالىلارنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك. بۇنىڭدا، بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىگە قارىتا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
كۆزلىرى نۇرلۇق كەلگەن بالىلار
    بالىلار كىچىك ۋاقتىدا، ئەتراپىدىكى بارلىق ئىشلارغا قارىتا قىزىقىش ئىستىكىدە بولىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى نۇرلۇق كىلىدۇ؛ چۈنكى، ئۇلار سىرتقى مۇھىتتا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارغا قارىتا كۆز نۇرى ئارقىلىق ئىز قوغلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش مەزگىلىدەم ئۇلارنىڭ سىرتقى دۇنياغا قارىتا قىزىقىش ئىستىكىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم؛ ئاتا-ئانىلار ئىمكان قەدەر بالىسىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بىرىپ، بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىجابى غىدىقلاشلارنى بىرىشى ۋە بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ھەر خىل قىزىقىش ھەۋەسلىرىنى يىتىلدۈرۈشى كىرەك. بۇلار، بالىلارنىڭ سەبىيلىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر شەرتى.
ناخشا ئاڭلاشقا ئامراق بالىلار
    بەزى ئاتا-ئانىلار، بالىسى ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى ۋاقىتتا ھامىيلە تەربىيەسى ئېلىپ بارغاندا، بالىسىغا مۇزىكا قويۇپ بىرىشكە ئامراق كىلىدۇ. ياخشى مۇزىكا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن بولۇپلا قالماستىن، تۇغۇلۇپ بولغان ئۆسۈپ يىتىلىش مەزگىلىدىكى بالىلارغىمۇ ئوخشاشلا ماس كىلىدۇ. بەزىبىر كىلاسسىك مۇزىكىلار بالىلارنىڭ چوڭ مىڭىسىگە غىدىقلاش ئېلىپ كىلەلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرەلەيدۇ؛ تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بالىلارنىڭ چوڭ مىڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرىنىڭ يىتىلىشىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بوۋىقىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغان ۋاقىتتا، ئۇلار ئۈچۈن بۇ خىل مۇھىتنى كۆپرەك يارىتىپ بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号