ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە كۆرۈلىدىغان قىيىن ئۆتكەللەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق 3-4ئېيىغا كەلگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ قوسىقى بارغانسىرى يوغىناشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھامىلدار ئاياللاردىمۇ ھەرخىل فىزىلوگىيەلىك ئىنكاسلار پەيدا بولۇشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن بىئارامچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە تېخى پىسخىكىلىق جەھەتتىمۇ ئازاپلىنىشقا ئۇچرايدۇ. تۆۋەندە بىز، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە قانداق بىئارامچىلىقلارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!
كىچىلىرى ئۇيقۇسى قاچىدۇ
     ھامىلدارلىق ئوتتۇر مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالدا ھەمىشە كۆكسى سىقىلىپ نەپىسى قىستايدىغان، يۈرىكى ئېغىپ بىئارام بولۇپ، ئۇيقۇسى قېچىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. بۇ ئەھۋاللار، بالىياتقۇنىڭ يوغىناپ كىتىپ، باشقا ئىچ ئەزالارنىڭ ساقلىنىش بوشلۇقىنى بېسىمغا ئۇچراتقانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. بۇ ئەھۋالنى ياخشىلىماقچى بولسا، ھامىلدار ئايال ئۇخلىغان ۋاقتىدا، ھامىلدارلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ياستۇق بىلەن بەل ۋە قوساق قىسمىنى كۆتۈرۈپ بىرىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى  كۆتۈرۈشكە بولىدۇ.
بۇرنى ئاسانلا قاناپ كىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ
    ھامىلدارلىق، ئاياللار بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇنى مىقدارىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، بۇ سەۋەپلىك قان تۇمۇرلار تەدرىجى كېڭىيىپ ھەم قان تولۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى قان سۇيۇقلۇقى مىقدارىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئېشىپ كىتىشىنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە قان تومۇر دىۋارى ئادەتتىكىگە قارىغاندا نىپىزلەپ قالىدىغان ئالامەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇرۇن چاپلاشقاق پەردىسىگە ئوخشاش، بۇنداق ئەسلىدىنلا قان سۇيۇقلۇقى مىقدارى كۆپ، قان تۇمۇر دىۋارى نىپىز بولغان ئورۇنلارغا نىسبەتەن، ئازراقلا غىدىقلىنىش بولسا، مەسىلەن ھاۋا قۇرغاقلىشىپ كەتسە ياكى بەدەننىڭ ئىسسىقى ئېشپ كەتسە، ھامىلدار ئايالنىڭ بۇرنىنىڭ ئاسانلا قاناپ كىتىشىدەك ھادىسىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللار ئادەتتە كۆپرەك مىۋە-كۆكتات ئىستىمال قىلىپ بىرىشى، ھاۋا قۇرغاقلىشىپ كەتكەن مەزگىللەردە، ئەڭ ياخشىسى نەملىك ئاشۇرۇش ئۈسكىنىسىدىن پايدىلىنىشى كىرەك.
پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىش
    بەزى ھامىلدار ئاياللاردا، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىگە يەتكەن ھامانلا پۇتلىرىنىڭ پەيلىرى تارتىشىۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ؛ بولۇپمۇ ئاخشىمى ئۇخلىغان ۋاقتىدا، پۇتلىرىنىڭ پېيىى تارتىشىش ئەھۋالى كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار كالتسىي كەمچىللىكىدىن شۇنداق بولغان دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇمۇ بىر قىسىم سەۋەپ، ئەمما تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى زىيادە چوڭ بولغانلىقتىن، پۇتلىرىغا ھەددىدىن ئارتۇق بېسىم شەكىللەندۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق پەي تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا ئادەتتە، ھامىلدار ئاياللارنىڭ كۈندۈزلىرى ھەرىكەت قىلغان ۋاقتىدا، قوساق كۆتۈرۈپ تۇرۇش بەلبىغى تاقىۋىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
مەيدىسى ئېچىشىش
    نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللاردا، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىگە يەتكەندە مەيدىسى ئېچىشىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ، بەزىلەردە ھەتتا يۈرەك ئېغىزىدا بېسىم تۇيغۇسى بولۇپ قالىدىغان ۋە ئاغرىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇ ھامىلدار ئايالنىڭ تېنىدىكى پىروگېستىرون سەۋەبىدىن بولىدۇ. چۈنكى، پىروگېستورۇن ئاشقازان ئېغىزىنى بوشىتىپ قويىدىغان بولغاچقا، ھامىيلىنىڭ كۈنسايىن يوغىناپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ قوساق بوشلۇقى بېسىمى بارغانسىرى ئېشىپ بېرىپ، ئاسانلا ئاشقازاندىكى يىمەكلىكنىڭ تەتۈر ئېقىپ يۇتقۇنچاق يولىغا كىرىۋىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئاندىن مەيدىسى ئېچىشىدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ. بۇ خىل ئالامەتكە قارىتا، ھامىلدار ئاياللار مىۋە-كۆكتاتنى كۆپرەك يەپ بىرىش ئارقىلىق ياخشىلىيالايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号