ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى بار بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئاتا-ئانىسى كۆپىيىش يۇقىرى پەللىسى مەزگىلىدە تۇغقان بالىلار
   ئاتا-ئانىسى كۆپىيىش يۇقىرى پەللىسى مەزگىلىدە تۇرۋاتقان ۋاقتىدا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدار نىسبەتەن يۇقىرى كىلىدىغان بولۇپ، بۇ خۇلاسە، مۇناسپ تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئالاقىدار تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئانا 23ياشتىن ئىلگىرى تۇغقان بوۋاقنىڭ ئەقلى كۆرسەتكۈچى ئومۇميۈزلۈك ھالدا 103 بولىدىكەن؛ ئانىسى 28-24ياش ئارلىقىدا تۇغقان بالىنىڭ ئەقلى كۆرسەتكۈچى بولسا 109.29غا يىتىدىكەن؛ 29ياشتىن كىيىن تۇغقان بالىنىڭ ئەقلى كۆرسەتكۈچى يەنە ئومۇميۈزلۈك ھالدا 105تىن تۆۋەن بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى تۇغۇش مەزگىلى 28-24ياش ئارىلىقى ھىسابلىنىدىكەن. ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تۇغۇش مەزگىلى بولسا، 30 ياش؛ بۇ مەزگىلدە، ئەرلەر ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك ئىرسىيەت گېنىغا ئىگە بولىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئالغان بالىسىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ھالدا بىر قەدەر يۇقىرى كىلىدىكەن.
ئۈچ ياشقا توشقاندىن كىيىن كۈندۈزى ئۇخلىمايدىغان بالىلار
     يەسلىدە چۈشلۈك ئۇيقۇ ئۇخلىمايدىغان بالىلار ئىككى خىل: بىرسى ياخشى ئۇخلاش ئادىتى يىتىلدۈرمىگەن بالىلار؛ يەنە بىر خىل بولسا ئەقلى ئىقتىدارى نىسبەتەن يۇقىرى بالىلار. چىڭخۇا داشۆسى، فاندىبۇرگ مائارىپ شۆيۈەنى بالىلار تەرەققىياتى ماگىستىرى چاڭ رۈنشىڭ، ئىلگىرى بالىلارنىڭ كۈندۈزى ئۇخلايدىغان ۋاقتى، ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىش دەرىجىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ دەپ ئېيتقان. يەنە بەزى تەتقىقات خاتىرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار ئۇيقۇسى ئۈچ مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بىرىنچىسى كۆپ قېتىم ئۇخلاش (يەنى بىر كۈن ئىچىدە كۆپ قېتىم ئۇخلاش) مەزگىلى، ئىككىنچى خىلى ئىككى قېتىم ئۇخلاش(يەنى، كۈندۈزدە بىر قېتىم، كىچىسى بىر قېتىم، جەمئى ئىككى قېتىم ئۇخلاش) مەزگىلى، ئۈچىنچىسى بىر قېتىم ئۇخلاش(يەنى كۈندۈزى ئۇخلىماي، كىچىسى بىر قېتىملا ئۇخلاش) مەزگىلى ئىكەن؛ كۈندۈزلىرى ئۇخلىمايدىغان بالىلار، ئادەتتە بىر قېتىم ئۇخلاش مەزگىلىگە يەتكەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ نىسبەتەن پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن.
كاللىسى يوغان بالىلار
    ئىلمى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كاللىسى بىرقەدەر يوغان كەلگەن بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ئادەتتە بىرقەدەر يۇقىرى كىلىدىغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار، 48 نەپەر پىدائىغا قارىتا ئەقلى ئىقتىدار سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، كاللىسى قانچە يوغان بولسا، مىڭىسىنىڭ شۇنچە يوغان، ئەقلى ئىقتىدارىنىڭمۇ شۇنچە يۇقىرى بولدىغانلىقىنى بايقىغان؛ ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، ئادەتتە مىڭە قىسمى چوڭ كىچىكلىكى 1600كۇپ سانتىمىتىرغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئەقلى كۆرسەتكۈچى 125كە يىتىدىكەن.
قولىقى يوغان بالىلار
    روسىيە قازان دۆلەتلىك داشۆسى پىروففىسورى مۇستافىننىڭ ئوتتۇرغا قويىشىچە، ئادەمنىڭ ئىجادچانلىقى ئۇنىڭ قولىقىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قولىقى يوغان كەلگەن ئادەمنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى نىسبەتەن يۇقىرى كىلىدىكەن؛ ئوڭ قولىقى نىسبەتەن ئۇزۇن كەلگەن ئادەملەر، تەبىئى پەنلەردە بىر قەدەر ياخشى كىلىدىكەن؛ سول قولىقى نىسبەتەن ئۇزۇن كەلگەن كىشىلەر بولسا ئىجتىمائى پەنلەردا نەتىجىگە ئىرىشمىكى ئاسانغا توختايدىكەن. بىراق، بۇ تۈرلۈك تەتقىقات چوڭ دائىردە ئىتراپ قىلىنمىغان بولۇپ، كىيىنچە تېخىمۇ قايىل قىلارلىق قاراشلار ۋە ئىسپات ماتىرياللىرىغا ئىگە بولامدۇ يوق، بۇنىسى ھازىرچە نامەلۇم.
ئانا سۈتى ئىمىپ چوڭ بولغان بالىلار
    تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئانا سۈتى تەركىبىدە 200خىلدىن ئارتۇق ماددا بولۇپ، سۈت پاراشوكى تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ سانى بولسا ئاران نەچچە ئون خىلغا يىتەلەيدىكەن. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئانا سۈتى تەركىبىدە، سۈت پاراشوكى تەركىبىدە يوق بولغان ئاكتىپ ماددىلار بار؛ مەسىلەن، مىڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، نىرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئايرىلىشى ۋە يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغان تاۋرىن (牛磺酸) دىگەنلەرگە ئوخشاش. شۇنىڭ ئۈچۈن، نەزىريە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئانا سۈتى ئىمىپ چوڭ بولغان بالىلار تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ. بىراق، ئەقلى ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتىمۇ كىيىنلىك ئېچىشقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ؛ ھازىرچە گەرچە بۇ قاراشنى قوللايدىغان يىتەرلىك تۈردىكى سانلىق مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، ئىشىنىمەنكى، بۇندىن كىيىنكى تەتقىقاتلاردا، مۇتەخەسسىسلەر چوقۇم ئالاقىدار خۇلاسىگە ئىگە بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号