ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئەڭ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ۋاقىت
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى خەتەرلىك مەزگىل ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە، ھامىلدار ئايالنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم بولىدۇ. بىراق، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىنىڭ يەتتىنچى ئېيىغا قەدەم قويغاندا، يەنى 28ھەپتىلىك بولغاندىن كىيىن، ھامىيلە گەرچە يىتىلىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەزگىل، ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدىن باشقا، ھامىيلىنىڭ ئەڭ ئاجىز ۋاقتى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ مەزگىلدە ھامىلدار ئايال، يەنە دەسلەپكى ئۈچ ئايدىكى ئىھتىياتچانلىقىنى ساقلىمىقى لازىمدۇر. ئۇندىن باشقا، بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايال ھۇرۇنلۇق قىلماي، چوقۇم نورمال تەرتىپ ۋە ۋاقىت بويىچە تۇغۇت تەكشۈرۈشى قىلدۇرۇشى كىرەك. بۇنىڭدا، ئەگەر قوساقتىكى بالىدا بىرەر بىنورماللىق كۆرۈلسە، ئانا بىرىنچى ۋاقىتتا خەۋەر تاپالايدۇ.
بۇ مەزگىلدە ھامىيلىنىڭ ئاجىز بولىدۇ دىيىشتىكى ئاساس:
    1. بۇ ۋاقىتتا، ھامىيلە ئاساسى جەھەتتىن يىتىلىپ شەكىلگە كىرىپ بولغان بولىدۇ؛ بىراق، بۇ ۋاقىتتا ھامىيلە تۇلۇق يىتىلىش باسقۇچىغا يىتىپ قالغان بولغاچقا، ئۇنىڭ قوساقتىكى ھەرىكەت بوشلۇقى كىچىكلەپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئاسانلا ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ئەھۋالى كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
     2. بۇ مەزگىلدىن باشلاپ، بوۋاقنىڭ كىندىك بېغىنىڭ ئۇنىڭ بوينىغا يۆگىلىپ قېلىش ئىھتىماللىقى تېخىمۇ ئاشىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئانىلار ھەر ۋاقىت قوساقتىكى بالىنىڭ مىدىرلاش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ تۇرىشى كىرەك.
     3. ھامىيلە ئورنى توغرا بولماسلىق. ھامىيلە ئورنى ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزى تەبىئى تۇغۇشى ياكى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغىشىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بوۋاقنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى تۇرمۇشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
    4. بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش خەۋپى بار. بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشنىڭ سەۋەپلىرى نۇرغۇن؛ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشنىڭ مىدىتسىنادىكى ئىنىقلىمىسى بولسا، ھامىيلىنىڭ 28ھەپتىلىكتىن ئاشقان ئەمما 37ھەپتىگە يەتمىگەن ئارىلىقتا تۇغۇلۇپ قېلىشنى كۆرۈسىتىدۇ. شۇڭا، 7ئايلىق بولغان بۇ مەزگىلدىن باشلاپ، ھامىلدار ئاياللار ئالاھىدە دىققەت قىلمىقى لازىمدۇر.
     5. ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىنىڭ سەۋەبىدىن، قوساقتىكى ھامىيلە شەكىلگە كىرىش باسقۇچىغا يەتكەن ۋاقىتتا، بەدەنگە ئېلىپ كىلىدىغان بېسىم ئېغىرلاپ، ھامىيلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم ھازىرقى ئاياللار بارغانسىرى جېنى ئاجىز بولۇپ كىتىپتۇ، ئىلگىرى ھېچنىمىگە دىققەت قىلمىسىمۇ ئاياللار يەنىلا ئوڭۇشلۇق تۇغىۋىرەتتى دىيىشى مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە، بۇنداق سېلىشتۇرۇش توغرا ئەمەس. ھازىرقى تۇغۇت ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلدار مەزگىلىدە كۈتۈلمىگەن  ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدىغان ئىشلارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قوساقتىكى بالىنىڭ  ئوڭۇشلۇق ھالدا ساق-سالامەت تۇغۇلىشى ئۈچۈن، يەنىلا كۆپرەك دىققەت قىلغان ياخشى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号