ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئوغۇل بالا تەربىيەلەشتىكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئۈچ ئىش
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئاتا-ئانا بولسا، بالىنىڭ تۇنجى مۇئەللىمىز؛ بالا تەربىيەلەش ، ئەمىلىيەتتە بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس بولۇپ، پۈتكۈل جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئۇسۇل چارىلەرنى قوللىنىشقا توغرا كىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇل بالىنى تەربىيەلەش ئۇسۇل بىلەن قىز بالىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئوغۇل بالا تەربىيەلەشتە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نوقتىغا دىققەت قىلماق لازىمدۇر.
بالىنى بەك باي بېقىۋىتىشتىن ساقلىنىش لازىم
    ئوغۇل بالا بېقىپ چوڭ قىلىشتا، تېخىمۇ قاتتىق قولراق بولۇش لازىم؛ بولۇپمۇ ماددى جەھەتتە تەلەپنى قاتتىقراق قويماق كىرەك. قىزلارغا بولسا دەل ئەكسىچە بولۇپ، ماددى جەھەتتە، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاندۇرۇش، ئۇلاردا پۇل-مالغا بىرىلىپ كىتىدىغان ئىدىيەنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىدىن ساقلانماق لازىم. ئوغۇلا بالىنى بېقىپ تەربىيەلەش جەريانىدا، ئۇلارغا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە ئاستىدا تىرەك بولالايدىغان ئەزىمەتلەردىن بولۇش ھەققىدە تەربىيە ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى ۋە مۇستەقىل بولۇشنى ئۆگىتىش كىرەك.
ئانىسىغا زىيادە تايىنىۋىلىشتىن ساقلىنىش
    ئوغۇل بالىنى بېقىپ تەربىيلەشتە، ئاتا-ئانىلار قول قويۇۋىتىشنى ئۆگىنىپ، ئوغۇل بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا زىيادە تايىنىۋىلىشىدىن ساقلىنىشى لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانا بولغۇچى، ئوغلى بىلەن مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاپ، ئۇلارنى ئەرلىك جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئىشلارغا يولۇققاندا كەسكىن بولىدىغان خارەكتىر يىتىلدۈرۈش لازىم. بۇنىڭدا، ئۇلار چوڭ بولغاندىن كىيىن، تېخىمۇ مۇستەقىل ھالدا جەمئىيەتكە ئەڭ تىز سۈرئەتتە ماسلىشىپ كىتەلەيدۇ.
رەتسىز چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش
    بەزى ئاتا-ئانىلار ئوغۇل بالا دىگەن ئازراق رەتسىز بولۇپ قالسىمۇ ھېچقىسى يوق دەپ قارايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بۇ قەتئى خاتا بىر خىل قاراش بولۇپ، ئوغۇل بالىمۇ رەتلىك ھەم پاكىزە بولۇشنى كىرەك. ئوغۇل بالا چىراي-تۇرقى ئادەتتىكىچىرەك بولۇپ قالسىمۇ، ئەمما كىيىنىشى رەتلىك ھەم پاكىزە بولسا، باشقىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرۇپ، كىيىنكى تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلىيالايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号