ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قىرىق ياشلىق بۇ ئەر ئۆزى بىلەن ئۆزى توي قىلدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   چەتئەللىكلەر توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە، تويلاشقا ئىككى تەرەپ ئادەتتە مۇنداق دەپ قەسەم بىرىدۇ: مەن سىزنى، ئۆزۈمنى ياخشى كۆرگەنگە ئوخشاش بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرىمەن. بىراق ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى، ئۇلار ئەسلىدە يەنە مۇنداق قەسەم بەرسىمۇ بولىدىكەن: سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەننى ئېلىۋىتىپ، ئۇنى ئۆزگەرتىپ، "مەن ھەرقانداق ئادەمنى ئۆزۈمنى ياخشى كۆرگەنگە ئوخشاش ياخشى كۆرمەيمەن" دىيىش. بۇ خىل قەسەم، ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبى قسىمىدىكى ناپولىدا تۇرۇشلۇق 40ياشلىق چاچ ياساش ئۇستىسى نىللو. رۇگىرونىڭ توي مۇراسىمىدا بەرگەن قەسىمى. ئۇ 40ياشقا كىرگەندە ئاخىرى توي قىلىشنى قارار قىلغان، ئەمما ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرىيى، دەل ئۆزى ئىدى.
    رۇگىرونىڭ دىيىشىچە، 40ياشقا كىرىپمۇ توي قىلمىسا، ئكزىنى جەمئىيەتنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغاندەك ھىس قىلىدىكەن. شۇڭا، قېرىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ توي قىلغانلىقىنى كۆرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ بارلىق ئۇرۇغ-تۇققان دوست-يارەنلىرىنى ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلغان. بىراق مىھمانلارنىڭ ئويلاپ باقمىغىنى، ئەمىلىيەتتە ئۇلار بۇ قېتىم، "كىلىنچە يوق" بولغان بىر قېتىملىق توي مۇراسىمىغا قاتناشقان. روگىرو ئۆزى ئاق ئاتتىن بىرنىڭغا مىنىپ قورغانغا كىرىپ كەلگەن، تويلۇق ئۈزۈكنى جىيەن بالىلىرى ئۇنىڭغا تاقاپ قويغان، مۇراسىمدا بەرگەن قەسىمى بولسا، " مەن ھەرقانداق ئادەمنى ئۆزۈمنى ياخشى كۆرگەنگە ئوخشاش ياخشى كۆرمەيمەن" دىيىش بولغان. ئۇنىڭ دىيىشىچە، " ئۆزىنى ياخشى كۆرۈش"، دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئىش بولۇپ، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن كۆڭلىدىكى ئارامبەخىشلىكنى تاپالايدىكەن.
    روگىرو ئۆتكەن يىلىلا ئۆزى بىلەن توي قىلغان، ئەمما بۇ "جاھاندا جۈپتى يوق توي مۇراسىمى"، يېقىندا ئاندىن تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرپىدىن خەۋەر قىلىپ تارقىتىلغان. بىراق بۇ خەۋەر تارقىتىلغاندىن كىيىن، خەلق ئاممىسىنىڭ ئادەتتە ئەڭ كۆپ دىيىشىدىغان پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ قالغان: ئۇ كىم بىلەن شىرىنئاي ئۆتكۈزگىلى بارىدىغاندۇ؟ ئەگەر كىلىشەلمىسە، قانداق ئاجرىشىپ كىتەر؟ ئادوۋكات ھەققىنى قانداق تۆلەيدىغاندۇ؟... ...

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号