ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا قىلىشقا بولمايدىغان گەپ-سۆزلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئادەم ئۆزىنىڭ ئېغىزىدىن بالاغا قالىدۇ؛ بەزىدە راست سۆزلەشكىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە سۆزلەش سەنئىتى لازىم بولىدىغان بولۇپ، بىلىپ-بىلمەي قىلىپ سالغان بىرەر ئېغىز سۆزىڭىز بەزىدە ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، مۇناسىۋىتىڭلار ھەرقانچە ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ، تۆۋەندىكى گەپ سۆزلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ!
1. قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىڭ
    زۇكام بولۇپ قالدىڭىزما؟ قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىڭ؛ قورسىقىڭىز ئاغرىۋاتامدا؟ قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىڭ؟ بىئارام بولۇۋاتامسىزما؟ قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىڭ! تۈز مىجەز ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە، قايناقسۇ قايناقسۇ ئەمەس، بەلكى بىر ئىستاكان ئىچىۋەتسىلا ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىۋىتىدىغان سىھىرلىك سۇ ھىسابلىنىدۇ.  ئەمما ئاياللارنىڭ نەزىرىدە، "قايناقسۇنى كۆپرەڭ ئىچىڭ" دىگەن بۇ سۆز خوشياقمىغانلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، سىز ئەگەر ئۇنىڭغا "قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىڭ" دىسىڭىز، ئۇ سىزنى ماڭ كۆڭۈل بۈلۈشمۇ خوشياقمايدىغان، مىنى بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
2. سىز باشقا بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟
   بۇ سۇئال، چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ قارشىلىشىش پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۇ ھەتتا چۈشەندۈرۈشكىمۇ ئىرىنىپ، سىزگە بىۋاستىلا "شۇنداق، مەن باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، قانداق قىلالايتتىڭ؟" دەپ جاۋاپ بىرىشى مۇمكىن. بۇنداق سۇئال ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ؛ چۈنكى، بۇ سۇئال ئىپادىلىگەن مەنە، قارشى تەرەپكە بولغان زور دەرىجىدىكى ئىشەنمەسلىك بولۇپ، ئىككى ئادەم بىرگە بولغاندا ھەممىدىن بەك ساقلىنىشقا تىگىشلىك ئىش دەل گۇمانلىنىشتۇر. ئەگەر ئوتتۇرلۇقتا ئەڭ ئاساسلىق بولغان ئىشەنچمۇ بولمىسا، قالغان ئۆمرىنى بىرگە ئۆتكۈزۈشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟
3. باشىقىلارغا قاراپ بېقىڭ، ئەينى ۋاقىتتا كۆزۈم كور بولۇپ قېلىپ سىزنى تاللىغان ئىكەنمەن
    ئاساسى جەھەتتىن ھەممە ئادەم، كىچىك ۋاقىتلىرىدا خوشىنىسىنىڭ بالىسى بىلەن سېلىشتۇرلۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان بولۇپ، خوشنىسىنىڭ بالىسى ئەڭ مۇكەممەل بالا ھىسابلىنىدىغاندەك بىلىنىدۇ. ئادەم بىلەن ئادەم ئوخشىمايدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق يىتەرسىزلىكلىرى بولىدۇ؛ ئەمما ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنىڭ بىۋاستە تىلغا ئېلىنىشىنى خالىمايدۇ، بولۇپمۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. سىز مۇھەببىتىڭىزگە بۇ جۈملە سۆزنى ئېيتىسىڭىز، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى بىتچىت قىلىنىپ، سىزنى مىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دىگەن ئويغا كىلىپ قالىدۇ.
    ياخشى سۆز بىرگە ماڭىدۇ، يامان سۆزمۇ بىرگە؛ مەيلى ئەر ياكى ئايال كىشى بولسۇن، مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا گەپ-سۆزگە دىققەت قىلىشى كىرەك. چۈنكى، بەزىدە گەپ-سۆزنىڭ ئادەمنىڭ كۆڭلىگە بەرگەن ئازابى ھەممىدىن ئېغىر بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号