ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ھەمىشە يېرىم كىچىدە ئىككى ئۈچلەردە ئويغىنىپ كىتەمسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-31 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىر ئادەمگە نىسبەتەن، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولسا، تەن ساغلاملىقىغا ياخشى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىككىنچى كۈنىدىكى روھى ھالىتىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. بەزى كىشىلەر، ھەمىشە يېرىم كىچە سائەت ئىككى-ئۈچ بولغان ۋاقىتلاردا ئويغىنىپ كىتىپ قايتا ئۇخلىيالمايدۇ ھەمدە ئىنتايىن بىئاراملىق ھىس قىلىدۇ. بۇندا كىچە يېرىم بولغاندا ئويغىنىپ كىتىپ ئۇخلىيالمىغاندا، ئىككىنچى كۈنىدىكى روھى ھالىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇپ، ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ سەۋەبى، بەلكىم تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل كىسەللىك تۈپەيلىدىن بولۇشى مۇمكىن.
كىلىماكتىرىيە دەۋرى ئىلگىرى سۈرۈلۈش
   ئادەتتە بەلگىلىك ياش مەزگىلىگە يەتكەندىن كىيىن كىلىماكتىريە دەۋرى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلەر كىلىماكتىرىيە دەۋرىگە كىرگەندىن كىيىن، ئۇلانرىڭ بەدەن ئىچكى ئەزالىرىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوڭ دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەر كۆرىلىدۇ. بۇندىن باشقا، كىلىماكتىرىيە دەۋرىگە كىرگەندىن كىيىن، ئادەمنىڭ روھى كەيپىياتىدىمۇ ئكزگىرىشلەر كۆرۈلۈپ، تىرىككەك، كۆكسى سىقىلىدىغان ئەھۋاللار پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، كىچىلىك ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولۇپ، ئاسانلا يېرىم كىچىدە ئويغىنىپ كىتىپ قايتا ئۇخلىيالمايدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ.
خامۇشلىشىش كىسەللىكى
   نۆۋەتتە، تۇرمۇش بېسىمى زىيادە ئېغىر بولغانلىقتىن، بەزى كىشىلەرنىڭ نىرۋىسى نىسبەتەن سەزگۈر ھالەتتە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلاردا ئاسانلا خامۇشلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ. خامۇشلىشىش كۆرۈلگەندىن كىيىن بولسا، ئۇيقۇ سۈپىتىدە ئاسانلا مەسىلە كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئازراقلا ئاۋاز چىقىپ كەتسە ئويغىنىپ كىتىدىغان ھەمدە ئويغىنىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇخلىيالمايدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ. خامۇشلىشىش كىسىلىنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، يىنىكرەك بولغاندا روھى كەيپىياتقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا بولسا ھاياتقا خەۋىپى(ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش) ئېلىپ كىلىدۇ.
نەپەسلىنىشى ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش كىسەللىكى
    بەزى كىشىلەر كىچىسى ئۇخلىغاندا خورەك تارتىپ ئۇخلايدۇ؛ بۇ ئەمىلىيەتتە، بىر خىل نەپەسلىنىش ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش كىسەللىكى بولۇپ، بۇ كىسەللىك كۆرۈلگەندىن كىيىن، ئادەمنىڭ مىڭىسىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئويغىنىپ كىتىدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ. ئويغىنىپ كەتكەندىن كىيىن بولسا، باش ئاغرىش ۋە نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرىلىدىغان بولۇپ، قايتا ئۇخلىمىقىمۇ تەسكە توختايدۇ. نەپەسلىنىش ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش كىسەللىكىنىڭ يۈز بىرىشى ئادەتتە ئاسانلا سالامەتلىككە پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كىلىدىغان بولۇپ، ئېغىرراق بولغاندا ھەتتا دىئابىت كىسلى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇخلىغاندا خورەك تارتىدىغان كىشىلەر، ئادەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك.
    ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، يىتەرلىك بولغان ئۇيقۇ، بەدەندىكى ئەزالارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ياخشىلاپ ئەسلىگە ئەكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ئىككىنچى كۈنلۈك روھى كەيپىياتنىڭ ئۈستۈن بولىشىغىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. ئەگەر ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولالماي قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ياكى يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ھەمىشە يېرىم كىچىدە ئويغىنىپ كىتىپ ئۇخلىيالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرىنىپ، سەۋەبىنى ئىنىقلاپ چىقىش بىلەن بىرلىكتە، مۇناسىپ ھالدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号