ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىش نىسبىتى نىمە ئۈچۈن يۇقىرىلاپ كەتتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يېقىندا قويۇلغان بىر تىلىۋىزىيە فىلىمىنى كۆرۈپ، قەدىمقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇھەببەت ۋە توي كىلىشىمىنىڭ قانچىلىك گۈزەل ۋە قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. بىراق، زاماننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيسىى ھەقىقەتەن ئازاد بولدى، ئەمما ھازىرقى كىشىلەر مۇھەببەت جەھەتتە ئىلگىرىكىدەك ئۇنداق چىن سەمىمىي بولمايدىغان بولۇپ قالدى. ھازىرقى جەمئىيتىمىزدىكى ئاجرىشىش نىسبىتىگە قارايدىغان بولساق، ئادەمنى ھەقىقەتەن بەك ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ۋە ئېچىندۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئاجرىشىپ كىتىش سەۋەبى گەرچە ھەرخىل ھەر ياڭزا بولسىمۇ، ئەمما ماھىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېيتقاندا، تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك سەۋەپتىن ئايرىلالمايدۇ.
     ئارىدىكى بىرسىنىڭ كۆڭلى ئۆزگىرىپ، سىرتتا ئاشنا تۇتىۋالىدۇ
    مۇھەببەت ۋە بەخىت دىگەن، ئاخىرىدا، ئىرادىسى ۋە قەتئى نىيىتى بار كىشىلەرنىڭ بېشىغا قونىدۇ؛ خۇددى ئىلگىرى توردا ئېقىپ يۈرگەن "ئەگەر بىر ئوغۇل بالا بىر قىز بالىنى قوغلىشىشتا بوشاشماي ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرسا، ئوغۇل بالا چوقۇم مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدۇ" دىگەن قاراشتا ئىپادىلىگەنگە ئوخشاش. بەخىتكە تۇتىشىدىغان يولدا، ئادەمنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى، ئارىدىكى بىرسىنىڭ كۆڭلى ئۆزگىرىپ، باشقىچە ئويغا كىلىپ قېلىش ياكى باشقا بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش بولۇپ، بۇنداق ئىش بايقىلىپ قالغان ھامان، ھەرقانداق ئادەم بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ؛ ئاخىرىقى نەتىجىدە ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىش بىلەن ئاياغلىشىشى ئىھتىمالغا يېقىن بولىدۇ.
     تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە قالغانلىقتىن، بەزى ئاياللار بۇنداق كۈنلەرگە بەرداشلىق بىرەلمەسلىكى مۇمكىن
    جاپادىمۇ ۋە ھالاۋەتتىمۇ سىزگە بىرگە ھەمرا بولۇپ، پۇل بار چاغدا پۇل باردەك، پۇل يوق چاغدا پۇل يوقتەك كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئايال كىشىدىن بىرنى تاپماق ھەقىقەتەن بەك تەس. مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا، بىز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكلىرى ئېلىپ كىلىدىغان قىيىنچىلىق ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرنى بىلمىگەنلىكتىن، ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشسىلا، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ  كەتكىلى بولىدۇ دەپ سەبىيلەرچە ئويلايمىز. بىراق، سىز ۋەلىسپىت مىنىپ، ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۋاتقان ۋاقىتتا، باشقىلارنىڭ ئالى دەرىجىلىك ماشىنا ھەيدەپ، ھەشەمەتلىك داچىلاردا ئولتۇرغىنىنى بايقىسىڭىز، سىزلا ئەمەس ھەرقانداق ئادەمنىڭ كۆڭلى بىئارام بولىدۇ. بۇ سەۋەپلىك جىدەل ئۈزۈلمەي، ئاخىرىدا ئايرىلىپ كىتىشنى تاللاشمۇ، نورمال بىر ئەھۋال ھىسابلىنىدۇ.
      قېيىنئانا كىلىن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولماسلىق، ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    توي قىلغاندىن كىيىن، گەرچە ئانام-بالام دەپ ئاتاشقان بىلەن، قېيىنئانا-كىلىن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت، تەبئىلا ئۆزىنىڭ ئانىسى(قىزى) بىلەن ئۆتكەندەك يېقىن ئۆتەلمەيدۇ. نۇرغۇنلىغان ئەر-خوتۇنلار، ياكى كىلىن قېيىنئانىسىنىڭ بوزەك قىلىشىغا چىدىيالماي، ياكى كىلىننىڭ قېيىنئانىسىغا يولسىزلىق قىلىشلىرىغا ئوغۇل چىدىيالماي، ئاخىرىدا ئاجرىشىپ بىر ياقىغا چىقىدۇ.
     تۇغماس چىقىپ قېلىپ، ئەۋلاد قالدۇرۇش مەسىلىسىدە قىيىنچىلىققا يولۇقىدۇ
    ھازىر گەرچە تۇرمۇش سەۋيىمىز بارغانسىرى ياخشىلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يىمەكلىك بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئامىللار تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بارغانسىرى كۆپلەپ بارماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا، بەزىبىر ئەنئەنىۋى ئادەتنى مۇھىم بىلىدىغان ئائىلىلەردە، ئەۋلاد قالدۇرالماسلىق مەسىلىسى سەۋەپلىك ھەرخىل زىددىيەتلەر كىلىپ چىقىدۇ. كىمنىڭ مەسىلىسى بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، مەيلى ئۆزىنى ئەيىبلەش بولسۇن ياكى ئەپسۇسلىنىش بولسۇن، ھامان بىر تەرەپ بۇ خىل تۇرمۇشقا چىدىيالماي قالىدۇ ھەمدە ئاجرىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.
     خىزمەت ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئۇزۇن مەزگىل ئىككى جايدا ئايرىلىپ تۇرۇش
    ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت ھەرقانچە چوڭقۇر بولسىمۇ، يەنىلا ۋاقىت ۋە ئارلىقتىن پايدىلىنىپ ياخشى قامداشقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپ ئۇزۇن مەزگىل ئىككى جايدا ئايرىلىپ تۇرۇپ، ئارىدا پىكىرلىشىش ۋە ھىسيات ئالماشتۇرۇش بولمىسا، ئۇنداقتا ھامان بىر تەرەپ بۇنداق غېرىپلىق تۇرمۇشىغا كۆنەلمەي، باشقا بىر جايدا ئۆتۈۋاتقان ئەر-خوتۇنلارغا ھەۋەسلىنىپ قالىدۇ، ھەمدە بەلگىلىك چەككە يەتكەندىن كىيىن، ئامالسىز ئاجرىشىپ كىتىشنى تاللايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号