ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بويانقى دۆلىتىمىزنىڭ غەلىتە شەكىلدە تۇغۇلۇپ قالغان بالىلار نىسبىتىگە سەل قاراشقا بولمايدىغان بولۇپ، ھەر يىللىق، كەمتۈكلۈك كۆرۈلۈش نىسبىتى %5.6گە يىتىدىكەن ھەمدە ھەر 35سىكونتتا، غەلىتە شەكىللىنىپ قالغان ھامىيلىدىن بىرسى تۇغۇلىدىكەن. بۇ خىل سانلىق مەلۇماتلار ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ! ئۇنداقتا ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىدىكى سەۋەپ زادى نىمە؟ بىز ئۇنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىشىمىز كىرەك؟

ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلشىنى شەكىللەندۈرۈدىغان ئامىللار
گىن ئامىلى
    ئەگەر ئاتا-ئانىسى ھەر ئىككى تەرەپتە، ياكى ئىچىدىكى بىر تەرەپتە گېن ئۆزگىرىشى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بۇ خىل ئەھۋال ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭ غەلىتە شەكىلدە تۇغۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
مۇھىت ئامىلى
    تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ھامىيلە غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن: دىھقانچىلىق دورىلىرى، ئۆي زىننەتلەش جەريانىدا قويۇپ بىرىلىدىغان زەھەرلىك گاز قاتارلىق خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ تەسىرى؛ ھامىلار ئايالنىڭ رادىئاتسىيە مەنبەسىگە كۆپلەپ ئۇچرىشىشى؛ دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئالماي تۇرۇپ قالايمىقان دورا ئىشلىتىش؛ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابىت كىسىلى؛ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشى؛ توغرا بولمىغان يىمەك-ئىچمەك ئادىتى.

ھامىيلە غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كىرەك
بىر ئولتۇرغانچە ئۇزۇن ۋاقىت كومپىيوتىر ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش
    ئەگەر قورسىقىڭىزدىكى بالىنى سالامەت تۇغۇلسۇن دىسىڭىز، ئۇنداقتا كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۋىلىشتىن ساقلىنىڭ؛ چۈنكى، كومپىيوتىر تارقاتقان ئېلىكتىر ماگنىت دولقۇنى ۋە رادىئاتسىيە نۇرى، قوساقتىكى ھامىيلىگە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مۈشۈكنىڭ چوڭ تەرىتى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش
    مۈشۈكنىڭ چوڭ تەرىتىدە ياسىمان قۇرت بار بولۇپ، ئۇ ئاسانلا ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئۆيىدە مۈشۈك باققانلار، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى مۈشۈكنى ۋاقىتلىق باشقا جايلارغا يۆتىكىۋىتىش كىرەك؛ يۆتكىۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ، مۈشۈكنىڭ تەرەت ماددىلىرىنى تازىلاشقا باشقا ئادەمنى مەسئۇل قىلىش كىرەك.
فولىن كىسلاتاسى تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش
   ھامىلدار ئاياللار فولىن كىسلاتاسى تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، بوۋاقنىڭ كالپۇكى يېرىق ياكى نىرۋا كانىلى كەمتۈك تۇغۇلۇپ قېلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ. فولىن كىسلاتا تەركىبى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەردىن، سەۋزە، كەرەپشە، ئاپلىسىن، بۆلجۈرگەن، ئوسۇڭ، دولانا قاتارلىقلار بار.
   يۇقىرقىلاردىن باشقا، بوۋاقنىڭ غەلىتە شەكىلدە تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تۇغۇت تەكشۈرتۈشتە چىڭ تۇرۇش، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ھەر تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرنىڭ بىرىنىمۇ كەم قويماسلىق كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号