ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
خارەكتىرى ئەڭ جەلپكار كەلگەن تۆت يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزگىچە خارەكتىرى بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىدۇ. بىراق، بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزگىچە خارەكتىرى قارىماققا ياخشىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشەلەيدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ؛ يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى غەلىتىرەك كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشەلەيدۇ. تۆۋەندە بىز، ئون ئىككى يۇلتۇز تۈركۈمى ئىچىدىكى، قايسى يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى كىشىلەرنىڭ خارەكتىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ئەڭ جەلپ قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
مەرگەن(射手) يۇلتۇز تۈركۈمى
    مەرگەن يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى ئۆزگىچە كىلىدىغان بولۇپ، باشقىلار ئۇلارنى مەڭگۈ دوراپ بولالمايدۇ. ئالاقە جەريانىدا، ئۇلارنىڭ سەبىيلىكى ۋە تۈز مىجەزلىكىنى كۆرەلەيمىز ھەم ئۇلارنىڭ قىزىقارلىق يۇمۇرىستىك كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيمىز؛ بىراق، ئۇلارنىڭ  ئۈمىدۋار ھەم ئۇچۇق مىجەز كەلگەن خارەكتىرى ئاستىغا يۇشۇرۇنغان زور ئىستەكلىرىنىمۇ تۆۋەن چاغلىۋىلىشقا بولمايدۇ. بۇلارغا ئۇلارنىڭ ئەدىبىيات-سەنئەت جەھەتتىكى تالانتى قوشۇلۇپ، مەرگەن يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەرنىڭ خارەكتىرى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆلچىمىگە ماس كىلىدىغان بولىدۇ، شۇڭا ئەلۋەتتە باشقىلارنى جەلپ قىلالايدۇ.
ئەقرەب(天蝎座) يۇلتۇز تۈركۈمى
   ئەقرەپ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەرنىڭ جەلپىكارلىقى، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىدا ياكى مىجەزىنىڭ مۇلايىملىقىدا ئىپادىلەنمەيدۇ؛ ئەمىلىيەتتە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىگىگە يىتىپ بولمايدىغان ھەقىقى ئەمىلىي كۈچى ۋە سىرلىقلىققا تولغان مىجەز-خارەكتىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىدىن بەك ئادىمىيلىك جەلپكارلىققا ئىگە بولغان يىرى، شۇنداقلا ئادەمنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ئالاھىدىلىكىدۇر.
ھوت(双鱼)يۇلتۇز تۈركۈمى
    ھوت يولتۇز تۈركۈمىدىكىلەرنىڭ خارەكتىرىنى بەك ئالاھىدە دەپ كەتكىلى بولمايدۇ؛ ئۇلار پەقەت، كۆپ قىسىم كىشىلەرگە قارىغاندا، تېخىمۇ مۇلايىم ۋە دوستانە كىلىدۇ. پەقەت باشقىلار ئۇلارغا يېقىنلىشىشنى ۋە ئۇلارنى چۈشىنىشنى خالىسىلا، ئاسانلا ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىك سىھرىي كۈچى تەرپىدىن جەلپ قىلىنىدۇ، ھەتتا ئۇلاردىن ئايرىلغۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ ھىسي كۆرسەتكۈچى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، ئىجتىمائى ئالاقە جەريانىدا ئاسانلا باشقىلارغا ياخشى تەسىر بىرىدۇ ھەم ياقتۇرۇشىغا ئىرىشەلەيدۇ.
مىزان(天秤座)يۇلتۇز تۈركۈمى
    مىزان يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەرنىڭ يۇقىرى بولغان ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارى، ئۇلارنىڭ ياخشى بولغان مىجەز-خارەكتىرىنىڭ تۆھپىسى؛ سىھرىي كۈچكە تولغان خارەكتىر يىتىلدۈرۈشتە بولسا، ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارى كەم بولسا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىزان يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەرنىڭ خارەكتىرى بىلەن ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارى، بىر-بىرىنى تۇلۇقلاش مۇناسىۋىتىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالقىشقا ئىرىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپتۇر. ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىپ باققان ھەربىر ئادەم، ئۇلارنىڭ ساپاسىنى، ئەندىزىسىنى ۋە كەڭ قوساقلىقىنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايدۇ؛ ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ خارەكتىر جەھەتتىكى جەلپكارلىقىنىمۇ ئىنكار قىلىۋىتەلمەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号