ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
تۇغۇشنىڭ ئالدىدىكى بىر ئايدا، ھامىيلە بۇ ئۈچ ئىش بىلەن ئالدىراش
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تۇغۇتى يېقىنلىشىپ قالغان ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال ھەمىشە جىددىلىشىپ قالىدۇ؛ بەزى ھامىلدار ئاياللار بولسا تۇغۇت ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈپ، تۇغۇت جەھەتتىكى بەزى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ياكى ياخشى ئارام ئېلىشقا باشلايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم، بۇ ۋاقىتتىكى ھامىيلە تۇغۇلۇشنى ساقلاپ ياتىدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن؛ ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى بىر ئاي ئىچىدە، ھامىيلە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئىش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ، ھامىلدار ئانا ئۇنىڭغا ياخشى ماسلىشىپ بىرىشى كىرەك.
1. داس بوشلۇقىغا كىرىش
    ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولسا ھامىيلە داس بوشلۇقىغا كىرىشتۇر. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ھامىيلە 36ھەپتىلىك بولغان مەزگىلىدە داس بوشلۇقىغا چۈشۈشكە باشلايدۇ. ھامىيلە، بېشى ئاستىغا، پەللەك تەرىپى ئۈستىگە قارىغان ھالەتتە داس بوشلۇقىغا كىرىدىغان بولۇپ، ئەگەر ھامىيلىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا داس بوشلۇقىغا چۈشىشىنى ئويلىساق، ھامىلدار ئانا بۇنىڭغا ياخشى ماسلىشىپ بىرىشى كىرەك. بۇ مەزگىلدە، ھامىلدار ئايال شارائىت ياربەرگەن ئاساستا مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەت قىلىپ بىرىپ، ھامىيلىنىڭ داس بوشلۇقىغا كىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن كۆرۈلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش كىرەك؛ مەسىلەن، قوساق قىسمى چىڭقىلىپ ئاغرىش ئىشتىھاسى ياخشىلىنىپ قېلىش، نەپەسلىنىشى راۋانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بار يوقلۇقىغا دىققەت قىلماق لازىم. ئەگەر تۇنجى ھامىيلە 38 ھەپتىلىك بولغان مەزگىلدىمۇ داس بوشلۇقىغا كىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە، ئۇنداقتا ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كىرەك.
2. بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىش
    نۇرغۇن كىشىلەر، ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھامىيلە ئاساسى جەھەتتىن يىتىلىپ بولغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلمەيدۇ دەپ قارايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، بۇ بىر خاتا قاراش. ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ھامىيلە يەنە يوغىناپلا قالماي، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىشتىكى ھالقىلىق مەزگىل؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم نوقتىلارنىڭ بىرسى بولسا ماي يېغىپ ساقلاشتۇر. يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆز بەدىنىنىڭ تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى بىرقەدەر ناچار كىلىدۇ،  ئەگەر بالىنىڭ بەدىنىدىكى ماي نىسبىتى مۇۋاپىق بولسا، ئۇنداقتا بۇ، بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغاندىن كىيىنكى نورمال ھاياتلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلىشىغا پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار بۇ مەزگىلدە، ئۇزۇقلۇقنىڭ تەكشى ۋە ئومۇميۈزلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىمۇ كونتىرول قىلىپ، قوساقتىكى بالىنىڭ "چوڭ بوۋاق"قا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كىرەك.
3. ھامىيلە مايلىرى ئاجراپ چۈشۈش
    ھامىيلە تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ تىرىسىنىڭ يۈز قىسمىدا بىر قەۋەت  تىرە ماي قەۋىتى بار بولىدۇ؛ بۇ ماي قەۋىتى، ئاجرىلىپ  چۈشكەن يۈز قىسىم تىرىلىرى بىلەن بىرىكىپ، ھامىيلە مايلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھامىيلە مېيى، ھامىيلىگە قارىتا قوغداش رولىنى ئويناپ، ھامىيلىنىڭ باش سۈيىگە بىۋاستە چىلىنىپ ئۇچرىشىشىدىن ساقلايدۇ. بۇندىن باشقا، بوۋاق يىڭى تۇغۇلغان مەزگىلدىمۇ، ھامىيلە مېيى بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىپ كىتىشىدىن ساقلايدۇ. بەزى بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە بەزىبىر ھامىيلە مايلىرى ساقلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا، ئانىلار ئۇلارنىڭ بەدىنىنى سۈرتىۋىتىشكە ئالدىراپ كەتمەسلىكى لازىم؛ ئادەتتە بۇنداق ئەھۋالدا، دوختۇرلار 24-6 سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن تازىلىۋىتىش تەكلىۋىنى بىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号