ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قارا قېرىنقولاقتا جۇۋاۋا تۈگۈپ سىناپ بېقىڭ، ياقتۇرۇپ قالىسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
   جۇۋاۋا، كۆپ قىسىم كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىك بولۇپ، مەيلى كۈدە قىيمىلىق بولسۇن ياكى گۆش پىياز قىيمىلىق بولسۇن، بىزنىڭ تاماق ئۈستىلىمىزدىكى دائىملىق ھەمراھتۇر. ئۇنداقتا، سىز قارا قېرىنقولاقتا قىيما قىلىپ جۇۋاۋا يەپ باققانمۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قارا قېرىنقولاقتا تەييارلانغان قىيمىدىن جۇۋاۋا تۈگۈپ تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: قارا قېرىنقولاق، قوي گۆشى، كۈدە، تۇخۇم، تۇز، كاۋاۋىچىن، پىياز مېيى، ئۇن
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. قارا قېرىنقولاقنى ئىلمان سۇغا چىلاپ كۆپتۈرگەندىن كېيىن، ئۇششاق چاناپ توغراپ ۋە ئازراق پىياز مېيى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ قويىمىز.
   2. قوي گۆشىنى قىيما قىلىپ توغراپ، چاناپ توغرالغان زەنجىۋىل ۋە غولپىياز، جىياڭيۇ، تۇز قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، 30مىنۇت قويۇپ قويىمىز.
   3. تەييارلىغان بارلىق ماتىرىياللارنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە ئازراق كاۋاۋىچىن، پىياز مېيى قوشۇپ قىيما تەييارلايمىز.
   4. مۇۋاپىق مىقداردا ئۇن ئېلىپ، تۇز ۋە تۇخۇم قوشۇپ خېمىر يۇغۇرىمىز. خېمىرنى ئازراق ۋاقىت قويۇپ تىندۇرغاندىن كېيىن، يېيىپ جىلىت تەييارلايمىز.
   5. جۇۋاۋا جىلىتى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، جۇۋاۋا تۈگۈپ پىشۇرساقلا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号