ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئالمىنى ئەتىگەندە يىسە ياخشىمۇ ياكى كەچتىمۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-31 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئالمىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە، مىس، يۇد، مانگان، سىنىك، كالىي قاتارلىق ئىلمىنتلار بار؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالما تەركىبىدىكى ۋىيتامىن C، يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ ساغلاملىق ئىلمىنىتى. بۇندىن باشقا، ئالما يەنە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشتىكى ياخشى يىمەكلىك بولۇپ، ئادەمنى ئۇرۇقلىتالايدۇ ھەم تىرىنى يۇمران ۋە سىيلىق قىلىدۇ.
   ئالمىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەمى تاتلىق بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ھەسسىلەپ ئالقىشىغا ئىرىشكەن؛ بىراق، ئالما يىيىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت توغرىسىدا، كىشىلەر ئارىسىدا ئىزچىل تۈردە تالاش تارتىش بولۇپ كەلمەكتە. بەزىلەر، "ئەتىگەن يىگەن ئالما ئالتۇن ئالما، كەچتە يىگەن ئالما زەھەر ئالما" دىيىشىدۇ؛ ئۇنداقتا، بۇ خىل قاراش زادى توغرىمۇ خاتا؟
   ئالمىنىڭ ئۆزى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇزۇقلۇق ئىلىمى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەقەت ئاشقازان-ئۈچەي ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈپ يايدىلىنالىسىلا، مەيلى ئەتىگەن ياكى ياكى كەچتە يەيلى، ئالمىنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلمەيدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىلوگىيلىك ئىقتىدارى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بولسا، چۈشتىن بۇرۇنقى مەزگىلدە، ئادەم بەدىنىدىكى ئاشقازان ۋە ئۆتنىڭ پائالىيىتى ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىل بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئالما يىسەك، ھەزىم قىلىنىپ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشكە پايدىلىق بولىدۇ؛ شۇڭا بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالمىنى ئىمكان بار چۈشلۈك تاماقتىن يېرىم سائەت ئاۋۋال ياكى يېرىم سائەت كىيىن ئىستىمال قىلىش لازىم.
   ئەمەلىيەتتە، ئالمىنى ئەتىگىنى يىيىش ياكى كەچتە يىيىش مەسىلىسى مۇھىم ئەمەس؛ چۈنكى، كونكرتلاشتۇرۇلغان ئەڭ ياخشى مىۋە يىيىش ۋاقتىنىڭ كۆپ پايدىلىنىش قىممىتى يوق، ئاساسلىقى ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. تەن سالامەتلىكى تازا ياخشى ئەمەس كىشىلەر، ئىمكان بار ئاچ قوساق ئالما يىمەسلىكى كېرەك، بولۇپمۇ ئۈچەي يولى ياخشى بولمىغان كىشىلەر؛ يەنە بىر قىسىم سۇغۇق يېمەكلىكلەرنى يىيەلمەيدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەنمۇ، ئەتىگىنى ئاچ قوساققا ئالما يىسە، ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ. تەن ساغلاملىقى ياخشى كىشىلەرگە نىسبەتەن بولسا، ئەتىگەنلىكى ئاچ قوساققا ئالما يەپ بىرىشنىڭ بەلگىلىك پايدىسى بار، لېكىن بەك كۆپ يەۋىلىشقىمۇ بولمايدۇ؛ ئەگەر ئەتىگەنلىكى ئالمىنى بەك كۆپ يەۋالساق، ئاسانلا ئادەمنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ، شۇڭا ئادەتتە بىرنىلا يىيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
   بۇلاردىن باشقا، ئالما تەركىبىدە ساخارىد تۈرىدىكى ماددىلار ۋە كالىي ماددىسى كۆپ بولۇپ، بۆرەك ياللۇغى ۋە دىئابىت كېسەللىكى بار بىمارلارنىڭ كۆپ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号