ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئاشپەزلىك تېخنىكىسى » ئاشخانا سايمانلىرى
بامبۇك چوكا، داتلاشماس پولات چوكا... قايسى خىل چوكا ئەڭ ياخشى؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بامبۇك چوكا، ياغاچ چوكا، داتلاشماس پولات چوكا، سۇلياۋ چوكا... شۇنچە كۆپ چوكىلارنىڭ ئىچىدە، زادى قايسىسى ئەڭ ياخشى؟
بامبۇك چوكا ۋە ياغاچ چوكا
   بامبۇك چوكا بىلەن ياغاچ چوكا بىر قەدەر ئەرزان بولۇپ، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان چوكىلارنىڭ بىر خىلى. ئەلۋەتتە، بامبۇك چوكا، ياغاچ چوكىغا قارىغاندا مۇھىتنى تېخىمۇ بەكرەك ئاسرايدۇ. پەقەت رەسمىي تۈردىكى زاۋۇت-كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان چوكا بولسىلا، ئادەتتە ئاساسەن زىيانلىق ياكى زەھەرلىك تەركىبلىرى بولمايدۇ.
داتلاشماس پولات چوكا
   داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان مېتال چوكا، نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان چوكا بولۇپ، بۇنداق چوكىنى تۇتقاندا ئاندىن چوكا تۇتقاندەك تۇيغۇدا بولالايدۇ. داتلاشماس پولات چوكىدىكى خرومنىڭ مىقدارى %13دىن يۇقىرى، نىكېلنىڭ مىقدارىمۇ %10 ئەتراپىدا؛ ئۇنىڭ داتلاشماسلىقىدىكى سەۋەب، سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت ئوكسىدلانغان پەردە قاپلانغانلىقتىن بولىدۇ.
   داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان چوكا ئىشلەتكەندە، كىسلاتا، ئىشقار، تۇزلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىپ، يۈز قىسمىدىكى ئوكسىدلانغان پەردە قەۋىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك؛ بولمىغاندا، خروم، نىكېل قاتارلىق ئېغىر مىتاللار بەدەنگە كىرىپ كېتىدۇ. ئادەتتە، مېتال چوكا چوڭلارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە تازا ماس كەلمەيدۇ.
ساپال چوكا
   ساپال چوكا گەرچە نىسبەتەن ساغلام، لېكىن سىز چوكىنى ئىشلىتىش جەھەتتە ئۇنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالامسىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ساپال چوكا بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، ئىشلىتىش قولايسىز.
سۇلياۋ چوكا
   ماتېرىيالى كۆپىنچە سۈپىتى ئاجىز، قاتتىقلىق دەرىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، قىزىقلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئاسانلا شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئادەتتە، رەسمىي يۇسۇندىكى زاۋۇت-كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان سۇلياۋ چوكىلارنىڭ ساغلاملىققا بولغان زىيىنى نىسبەتەن ئاز، بىراق لاياقەتسىز مەھسۇلاتلار، قىزىقلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئاسانلا بەدەنگە زىيانلىق ماددىلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا، سۇلياۋ چوكا ئىشلەتكەندە، يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
سۆڭەك چوكا
   سۆڭەك چوكىنىڭ ماتېرىيال سۈپەت تۇيغۇسى ناھايىتى ياخشى، ئەمما ئاسانلا رەڭگى ئۆزگىرىۋالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى قىممەت بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ. ئەگەر ياقتۇرسىڭىز، سەنئەت بۇيۇمى سۈپىتىدە يېغىپ ساقلىسىڭىز بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号