ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقنى قانچىلىك بولغاندا ئاندىن سىرتقا ئېلىپ چىقساق بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇن ئانىلار بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، بوۋاقنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، بەزىدە تۇتقىلىمۇ قورقۇپ قالىدۇ. يىڭى تۇغۇلغان بوۋاق كىچىك بولغاچقا، ئادەتتە ئاتا-ئانىلار ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىقىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئۆيىدىلا باقىدۇ؛ ئەمما يەنە بىرلا ۋاقىتتا، ئەگەر بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىقماي ئۆيدە بېقىۋەرسە، بالىنىڭ بۇرۇختۇرۇم بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇنداقتا، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قانچىلىك بولغاندا سىرتقا ئېلىپ چىقساق بولىدۇ؟
   بوۋاق تۇغۇلۇپ دەسلەپكى بىر ئايدا، تۇراقلىق بولغان مۇھىت تىمپىراتۇرىسىنى ساقلاش لازىم بولىدۇ. ئەگەر بوۋاق ھامىلدارلىق مەزگىلى تۇلۇق توشۇپ تۇغۇلغان ساغلام بوۋاق بولسا ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقى 7جىڭدىن ئېشىپ تۇغۇلغان بولسا، ئۇنداقتا بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر ئايغا توشقاندىن كىيىن ئۇنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقساق، پەقەت ئادەم كۆپ، شاۋقۇن-سۈرەن يۇقىرى جايلارغا ئېلىپ بارمىساقلا مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.
   بىراق، بوۋاق ئەگەر بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىقىشقا ئالدىرماسلىق كىرەك. ھامىلدارلىق مەزگىلى تۇلۇق توشماي تۇرۇپ بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى نىسبەتەن ناچار بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا بوۋاقنى ئالدىراپ سىرتقا ئېلىپ چىقساق، بوۋاق ئاسانلا كىسەل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئادەتتە، بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارنى، ئىككى ئۈچ ئايلىق بولغاندا ئاندىن كۆتۈرۈپ سىرتقا ئېلىپ چىقىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
   ئەمىلىيەتتە، يۇقاردا ئېيتىلغان شارائىت ۋە تەكلىپكە ئاساسەن، بوۋاقنىڭ جىسمانى شارائىتى يار بەرگەن ئاساستا، ئۇنى سىرتلارغا كۆپرەك ئېلىپ چىقساق، بوۋاققا نىسبەتەن پايدىلىق بولىدۇ. سىرتتا ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۆيدىكىگە قارىغاندا ساپ بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، قۇياش نۇرىدىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر، بوۋاققا ئىللىق تۇيغۇسى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ۋىيتامىن Dنى سۈمۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىراق، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئىمكان قەدەر ئادەم كۆپ ۋە شاۋقۇن-سۈرەن يۇقىرى جايلارغا ئېلىپ بارماسلىق ۋە سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئايلاندۇرۇش ۋاقتىنى بەك ئۇزۇن قىلىۋەتمەسلىك كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号