ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
پۇتىڭىزدا بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلسە دىئابىتتىن ئىھتىيات قىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھازىر دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، دىئابىت كىسىلى ھازىرقى زامان تىبابەت تېخىنىكىسى داۋالاپ ساقايتالمايدىغان كىسەللىك بولۇپ، دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسىلا، بىر ئۆمۈر دورا ئىچىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ. بۇندىن باشقا، دىئابىت كىسەللىكىنىڭ ئەگەشمە كىسەللىكلىرى بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، ئەگەر ئۈنۈملۈك تۈردە كونتىرول قىلىنمىسا، ئۇنداقتا ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. بەزى كىشىلەر دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ پۇتىنىڭ بارماقلىرىدا بەزى ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ ئەھۋاللار بايقالسا، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، دىئابىت كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغانمۇ يوق تەكشۈرتۈپ بېقىش كىرەك.
پۇت قىسمىدا يارا پەيدا بولۇش
   پۇت قىسىمدا يارا پەيدا بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياللۇغلانغان جاراھەت ئىزى بولمىسا، ئۇنداقتا بەلكىم دىئابىت كىسىلىنىڭ سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. يارا ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل ئېغىز ئېلىپ ساقايمىسا، ئۇنداقتا بۇنىڭغا ئىتىبار بىلەن قاراپ، ۋاقتىدا دوختۇخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كىرەك.
پۇت بارمىقى قوغۇنسىمان بولۇپ ئۆزگىرىپ قېلىش
    ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، بۇنداق ئەھۋال دىئابىت كىسىلى دەسلەپكى مەزگىللىرىدە كۆرۈلىدۇ، ئەمما تەسىرى ئۇنچە بەك چوڭ بولمىغانلىقتىن، بۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغان كىشىلەر ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. بىراق، بۇ خىل ئەھۋالمۇ دىئابىت كىسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنداق ئالامەت كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىش كىرەك.
پۇتىنىڭ بارماقلىرى ئاقىرىپ كىتىش
   ئادەتتە، سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىنى ھىسابقا ئالمىغاندا، پۇت بارماقلىرى ئاقىرىپ قېلىش، ئىككى خىل سەۋەپتىن بولىدۇ. بىرسى جىگەردە مەسىلە بار، يەنە بىرسى بولسا دىئابىت كىسەللىكىدۇر. بۇنداق ئەھۋالدا، يېقىندا بەدىنىنىڭ باشقا قىسىملىرىدا كۆرۈلگەن ئەھۋاللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كىرەك ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش لازىم.
ناگاندا بىر ئاقساپ قېلىش
    ئادەتتە، دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئاخىرقى ئۇچ قان تەمىنلەش ئىقتىدارىدا بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ئۇلانرىڭ پۇت قىسمىدا مەسىلە كۆرۈلىدۇ.  قان يىتىشمەسلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىسى بولسا، پۇت قىسىم قان تۇمۇرلىرىغا قان سۇيۇقلۇقىنى ياخشى يەتكۈزمەسلىك بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئادەم ئۇزۇنراق يول ماڭغاندا ئاغرىق ھىس قىلىپ، ئاغرىق سەۋەبىدىن ئاقساپ ماڭىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
    يۇقارقى تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، ئادەتتە قاندىكى شىكەر مىقدارى ئۆرلەپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىشى ھەمدە قاننىڭ شىكەر مىقدارىنى كونتىرول قىلىشقا چارە كۆرۈشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号