ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئاشقازانغا زىيانلىق بولغان بىر نەچچە خىل ناچار ئادەتنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ ئەگەر سىزدە بار بولسا ئۆزگەرتىڭ، يوق بولسا بۇندىن كىيىن ساقلىنىڭ. چۈنكى، ئاشقازىنىڭىز ساغلام بولغان ۋاقىتتىلا، ئاندىن يىگۈڭىز بار بولسا شۇنى يىيەلەيسىز.
ئۈچ ۋاخ تامىقى تەرتىپلىك ئەمەس، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى قالايمىقان
    نۇرغۇن خىزمەتچى خادىملار، خىزمەت ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن، بىر ۋاخ تويۇنۇپ يىسە، بىر ۋاخ ئاچ قېلىپ ئۆتىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى بەدەننىڭ يىمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا ھەزىم قىلىشى ئۈچۈن، ھەركۈنى مۇقىم ۋاقىتتا ئاجرىلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدىغان يىمەكلىك بولمىسا، ئاجرىلىپ چىققان بۇ ماددىلار ئاشقازان يېپىشقاق پەردىسىنى ھەزىم قىلىۋىتىدۇ ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
كەچلىك تاماقنى بەك تويۇنۇپ يەپ، تۇلۇق ھەزىم قىلىپ بولالمايلا ئۇخلاشقا يېتىش
    نۇرغۇن كىشىلەردە، ئەتىگەنلىك ناشتا قىلماي، چۈشتە خالىغانچىلا يەپ، كەچلىك تاماقنى تويۇنۇپ يەيدىغان، ھەتتا ئۇخلاشتىن ئاۋال يەنە كىچىلىك تائام يەپ ئۇخلاشقا ياتىدىغان ئادىتى بار. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقاندا، ساغلام بولغان ھەزىم قىلىش تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ. بىلىشىڭىز كىرەككى، ئەگەر كەچلىك تاماقنى بەك تويۇنۇپ يەۋالسىڭىز ياكى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا تاماق يەپ ئاندىن ئۇخلاشقا ياتسىڭىز، بۇنداق ئەھۋالدا ئاشقازان ۋە ئۈچەي نورمىدىن ئارتۇق بېسىمغا ئۇچراش ھالىتىگە ئۆتۈپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى ئېشىپ كىتىدۇ ھەمدە ئاشقازان يېپىشقاق پەردىسىنى چىرىتىدۇ؛ ئەگەر ۋاقتىدا ياخشىلانمىسا، شەلۋەرەپ كىتىش، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مايلىق، تۇزلۇق، ئاچچىق دىگەندەك ئېغىر تەملىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش
    ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تۈردە ئسىتىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازاننى قىزىتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ؛ ئەمما ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتكەندە، ئاشقازان يېپىشقاق پەردىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ ھەزىم قىلىش سېستىمىسى كىسەللىكلىرى بار بىمارلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ زىيانلىق. بۇندىن باشقا، مايدا داغلانغان يىمەكلىكلەر بولسا، بىر قەدەر تەس ھەزىم بولىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاشقازان ۋە ئۈچەي بېسىمىنى ئاشۇرۋىتىپ، ئاشقازان ئېچىشىش، كۆڭۈل ئاينىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماق يىگەندە باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش
    بەزى كىشىلەر ۋاقىت تىجەش ئۈچۈن، ئەتىگەنلىك ناشتىنى يولدا ماڭغاچ يەيدۇ؛ چۈشلۈك تاماقنى بولسا تېلىۋىزور كۆرگەچ يەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋاللار ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەزىم قىلىش، كۆپ مىقداردا يىتەرلىك بولغان قان سۇيۇقلۇقىغا ئىھتىياجلىق بولۇپ، يولدا ماڭغاچ ياكى تېلىۋىزور كۆرگەچ تاماق يىگەندە، بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرى ۋە چوڭ مىڭە، ئاڭسىز ھالەتتە ئۆزلىكىدىن بىر قىسىم قان سۇيۇقلۇقىنى تارتىپ ئېلىپ كىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقاندا، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ناچار كەيپىيات ئاشقازان ۋە ئۈچەي ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
   بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتى، ئۇنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىنىڭ ساغلامىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەم جىددىلەشكەن، تىرىككەن ياكى غەزەپلەنگەن كەيپىيات ھالىتىدە تۇرغان ۋاقتىدا، تەدرىجى ھالدا ئاشقازان ئىچكى ئاجرىلىشى ۋە ئاشقازان ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئاشقازان كىسەللىكى پەيدا قىلىدۇ.
ھاراق-تاماكا ئاشقازانغا زىيانلىق
   ھاراقنى ئازراق ئىچسە كۆپ ۋەقەسى يوق، ئەمما رومكا ساناپ كۆپ ئىچىۋالسا ئاشقازانغا زىيانلىق. ھاراقنى كۆپ ئىچكەنلىكتىن ئاشقازىنى قاناپ كىتىش ھادىسىسى، ھەرگىز مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ ئەمەس. كۆپ مىقداردىكى ئىسپىرت، ئاشقازان يېپىشقاق پەردىسى توسۇقلىرىنى زەخمىگە ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، يىنىك بولغاندا سۇلۇق ئىششىق، شەلۋەرەپ قېلىش دىگەندەك ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان قانايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号