ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
    دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاسىنى قوزغىغان بولۇپ، ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشنى ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغانلار، قۇيرۇقىنى تۇتىۋىلىشنى ئويلىغان 70-يىللىرى تۇغۇلغانلار ئىكەن. ئەمىلىيەتتە، ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا، تۆۋەندىكى ئۈچ نوقتىنى ئويلىنىشقا توغرا كىلىدۇ.
بىرىنچى بالىڭىز قوللامدۇ؟
    نۇرغۇن كىشىلەر ئويلايدۇ، يەنە بىر بالىلىق بولىدىغان ئىشقۇ شۇ، بۇنىمۇ بالىدىن سوراش كىتەمدۇ؟ بىراق، نۇرغۇنلىغان تۇنجى بالا ئىككىنچى بالىنى چەتكە قاقىدىغان، ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئۆيدىن چىقىپ كىتىدىغان، ھەتتا ئەسەبى يولغا ماڭىدىغان ئاشۇ خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كىيىن، سىز قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتتىڭىزمۇ؟ شۇڭا بۇ مەسىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ
جىسمانى شارائىتىڭىز قوللامدۇ؟
    80،90-يىللىرى تۇغۇلغانلار ھەر ھالدا ياخشى، بىراق 70-يىللىرى تۇغۇلغانلار ئاللىبۇرۇن يۇقىرى تۇغۇت يېشىغا كىرىپ بولغان. ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بەدىنىمىزنىڭ ھەرقايسى ئىقتىدارلىرى چىكىنىشكە باشلايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۇقىرى ياشتىكى كىشىلەر بالىلىق بولماقچى بولغاندا، ئۇلار دۇچار بولىدىغان خەۋپمۇ تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەگەر يېشىڭىز چوڭىيىپ قالغان ھەمدە سالامەتلىك ئەھۋالىڭىز تازا ياخشى بولمىسا، ئاياللارغا ئەڭ ياخشىسى ھاياتلىق خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلىپ ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولىمەن دىمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. جىسمانىي شارائىتى يار بەرگەن تەقدىردىمۇ، 45ياشتىن كىيىن بالا ئالماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئىقتىسادى شارائىتىڭىز قوللامدۇ؟
    ھازىر بالىدىن بىرنى تۇغقاندا، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئاچ يالىڭاچ قويماسلىق بىلەنلا ئىش پۈتمەيدىغان بولۇپ، پۇ خەجلەيدىغان تەرەپلەر ناھايىتى كۆپ بولىدۇ؛ مەسىلەن، سۈت پاراشوكى، زاكا، ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى تەربىيە، دەرستىن سىرتقى تەكرار سىنىپلىرى، ھەرخىل قىزىقىش كۇرۇسلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل كىتىدۇ. ئەلۋەتتە، سىز بالىڭىزنى بۇ جەھەتلەردە تەربىيەلىمەسلىكنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بىراق، بالىڭىزنىڭ سىنىپىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى تەربىيىلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، سىزنىڭمۇ بالىڭىزنى كەم قويغىڭىز كەلمەيدۇ. شۇڭا، ئەگەر ئىقتىسادى شارائىت يار بەرمىسە، ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولۇشنى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ياخشى ئويلاشمىسىڭىز بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号