ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىغا قانداق ھۆكۈم قىلىمىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال قورسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ياخشى بولالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەندىكى ئۈچ ئەھۋال كۆرۈلسە، ھامىيلىنىڭ ساغلام يىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇش ئەھۋالى نورمال بولسا
    ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللاردا كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇشتەك ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلى ئىنكاسى كۆرۈنىدۇ؛ بولۇپمۇ ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغان ۋاقىتتا، قۇسۇپ ياندۇرۇش تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بۇ، ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ھورمونلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن بولۇپ، بۇ خىل ھورمۇن ئاجرىلىپ چىقىش ئاشقازان-ئۈچەينى غىدىقلاپ، ئاشقازان-ئۈچەي قىمىرلىشىنى ئاستىلىدۇ ھەمدە ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئازايتىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك ھامىلدار ئاياللاردا كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇپ ياندۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇ خىل كۆڭۈل ئاينىش، قۇسۇپ ياندۇرۇش ھادىسىسى نورمال كۆرۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى نورمال بولسا
    ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى، ھامىيلىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىنى ناھايىتى ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ؛ شۇڭا، ھامىلدار بولۇپ 4 ئايغا توشقاندىن كىيىن، ھامىيلە مىدىرلايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلايدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئانا ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانىنى ساناپ ئادەتلەنسە بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى، بىر سائەت ئىچىدە 5-3قېتىم ئەتراپىدا بولسا نورمال ھىسابلىنىدۇ؛ بىراق، ئەگەر ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ياكى بەك ئاز بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ھامىيلىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىدا بىنورماللىق كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن؛ مەسىلەن، ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەي قېلىش دىگەنلەرگە ئوخشاش. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كىرەك.
سۈيدۈك قېتىم سانى نورمال بولسا
    ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، بەدەندىكى ھورمۇن ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى كۆپىيىدۇ؛ بۇ خىل ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئېشىپ كىتىش ئەھۋالى، دوۋساقنى غىدىقلايدىغان بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئاياللاردا سۈيدۈك كۆپ كىلىدىغان ۋە سۈيدۈك قىستاپ كىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىگە كەلگەندىن كىيىن، سۈيدۈك كۆپ ھەم قىستاپ كىلىدىغان ئەھۋال ئازراق پەسىيىشى مۇمكىن؛ بىراق ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندىن كىيىن، ھامىيلىنىڭ ئۆزلۈكسىز يىتىلىپ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بالىياتقۇمۇ بارغانسىرى چوڭىيىپ، ھامىلدار ئايالدا سۈيدۈك كۆپ كىلىش ئەھۋالى يەنە قايتا كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللاردىكى سۈيدۈك كۆپ كىلىش ھادىسىسى، بەلگىلىك دەرىجىدە ھامىيلىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号