ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
توي كۈنى چېچىنى چۈشۈرۋەتكەن يىڭى كىلىنچەكنىڭ تەسىرلىك ھىكايىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ئەنگىلىيەلىك بۇ بىر جۈپ يىڭى ئەر-خوتۇنلار توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن كۈنى، يىڭى كىلىن تۇيۇقسىزلا چېچىنى چۈشۈرۋىتىپ تاقىر باش بولۇشنى تەلەپ قىلىپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. بىراق بۇنىڭ كەينىدە، ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر ھىكايە بار ئىدى.
    ئەسلىدە، ئەر ئايال ئىككەيلەن كىچىكىدىنلا تۇنۇش ھەمدە بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئايال 14 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى، بىر قېتىملىق تاساددىبى پۇرسەتتە، ئەينى ۋاقىتتا رېستۇراندا ئىشلەيدىغان ئىرى بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ھەمدە تۇنجى كۆرۈشۈپلا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشقان. ھازىر بۇ ئىككەيلەن ئوتتۇز نەچچە ياشلارغا كىرىپ قالغان.
    بىراق، قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئىزچىل تۈردە قارشى چىققاچقا، ئۇلار توي قىلىشقا ئامالسىز قالغان؛ ئەمما قىز، ئوغۇلغا چوقۇم بىر قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. قارىغاندا، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، قىز شۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
    ئىككەيلەننىڭ توي مۇراسىمى مەيدانىدا، قىز تۇيۇقسىزلا باشقىلاردىن چېچىنى چۈشۈرۈپ تاقىر باش قىلىپ قويۇشنى ئۆتۈنگەن؛ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى، نۇرغۇنلىغان ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان: كىلىنچەك، ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل بىر كۈندە، نىمە ئۈچۈن تاقىر باش بولۇشنى ئويلاپ قالغاندۇ؟
    ئەسلىدە، ئەر تەرەپ بىر يىل ئىلگىرى، بەخىتكە قارشى مىڭە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئىكەن؛ ئۇنىڭ ئەھۋالىدا، ئوپراتسىيە قىلغىلى بولمايدىغانلىق سەۋەبىدىن، ئەر پەقەت خېمىيىلىك داۋالاشقا تايىنىپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان. كىيىنچە، خېمىيلىك داۋالاشنىڭ تەسىرىدىن ئەرنىڭ چاچلىرى ھەممىسى چۈشۈپ تاقىر باش بولۇپ قالغان ھەمدە ئادەتتە ئايالىنىڭ قىزنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىغا زوقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ سەۋەپلىك، قىز توي كۈنى ئۆزىنىڭمۇ چېچىنى چۈشۈرۋىتىپ، ئەر بىلەن ئوخشاش "چاچ شەكلى" قويماقچى بولغان.
    بىر ياندا قاراپ تۇرغان ئەر، تەسىرلەنگەنلىكىدىن نىمە دىيىشىنى بىلەلمەيلا قالغان. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ گەرچە يەنە نەچچىلىك ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، ئەمما ئۆزى ھايات تۇرغان ھەر بىر كۈندە بولغۇسى ئايالىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىۋىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
    بەلكىم، مۇھەببەت دىگەن مۇشۇنداق بولسا كىرەك....

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号