ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ خىلدىكى ئانىلار بالىنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، بالىنى تەربىيەلەش جەھەتتە، ھەمىشە "مېھرىبان ئانا بالىنى بۇزىدۇ" دېگەن گەپنى كۆپ ئاڭلايدۇ. بۇ جۈملە سۆزنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان يېتەكچى ئىدىيە: بالا تەربىيەلەش جەھەتتە، ئانا كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلسا بولمايدۇ، بالىسىغا تەلەپنى قاتتىقراق قويسا، بالا تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، جەمئىيەت ئالغا ئىلگىرىلەپ مائارىپ ئىدىيەسى يېڭىلانغان ھازىرقى دەۋردە، بالىنىڭ كەلگۈسىگە ھەقىقىي تۈردە تەسىر قىلىدىغىنى، بالىسىغا كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلىدىغان ئانىلار ئەمەس، بەلكى بۇ خىلدىكى ئانىلار.
بالىغا ھەمراھ بولۇشقا ۋاقتى يوق ئانا
   نۇرغۇن ئانىلار، ئادەتتە سىمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ۋە مېھماندارچىلىق كۈتىۋىلىشلارغا قاتنىشىپ، ناھايىتى كەچكە قالىدۇ. بۇنىڭدا، بالىدا مۇھەببەت كەمچىل بولۇشنى ۋە ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، بالىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش پىسخىكىسىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، خىزمەتتە بەزىبىر زۆرۈر بولمىغان مېھماندارچىلىقلارنى ئازايتىپ، ئىمكان قەدەر بالىغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇش كېرەك.
بالىغا توغرا قىممەت قارىشى تىكلەپ بەرمەيدىغان ئانا
   بەزى ئانىلار، تۇرمۇشتا باشقىلاردىن پايدىلىنىۋىلىشنى ۋە مەنپەئەت قوغلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ھەتتا ئادەتتە كۆكتات سېتىۋالغاندىمۇ، سىنىت موچەنگىچە ھېسابلىشىدۇ. بۇنداق ئانىلار بېقىپ چوڭ قىلغان بالىنىڭ قىممەت قارىشى بۇرمىلىنىپ كېتىدىغان بولۇپ، چوڭ بولغاندىن كىيىن شەخسىيەتچى، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، ئەندىزىسى كىچىك بولۇپ قالىدۇ، خىزمەتتە كۆزگە كۆرۈنگۈدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنەۋۋەر بالا تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىدا توغرا بولغان قىممەت قارىشى تىكلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
بالىلارنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ئانا
   نۇرغۇن ئانىلار، بالىسىدىن بەك ئەندىشە قىلىدۇ؛ بەزىلەر ھەتتا بالىسى تۇغۇلماستىنلا، بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە ئوقۇشى ھەققىدە پىلانلارنى تۈزۈپ، بالا ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدىكى ھەممە ئىشنى ئۇلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇپ تەق قىلىپ قويىدۇ. بالا بۇنداق مۇھىت ئىچىدە چوڭ بولۇپ ئازراقمۇ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىمىسا، ئۇلار پىسخىكىسى ئاجىز چوڭ بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئوي-خىيالى بويىچىلا ياشاپ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشى بولمايدۇ. بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا، قورقۇنچاق ۋە جۈرئەتسىز بولۇپ قالىدۇ.
تۇرمۇشتا چوڭلارغا ۋاپا قىلمايدىغان ئانا
   بالىنىڭ ئانا بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتى ئەڭ كۆپ، ئەگەر ئانا ئادەتتە چوڭلارنى ھۆرمەت قىلمىسا ياكى ئۇلارغا قوپال مۇئامىلە قىلسا، بالا ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن يامان ئۆگىنىپ قالىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بالا چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ ئانىسىغا ئوخشاش ۋاپاسىز، چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئانىلار بالا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۇلارغا ئۈلگە بولۇپ، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارغا ۋاپادار بولۇشى كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号