ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارغا قانداق قىلىپ ئىلمى ئۇسۇلدا ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەنگىلىيە ئۇزۇقلۇق فوندى جەمئىيىتى، بىر خىل نىسبەت تەكلىۋى بەرگەن بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، بالىلارنىڭ كۈندىلىك يىمەكلىكى، تۆت چوڭ تۈردىكى يىمەكلىكلەرنى 5:5:3:2نىسبەت بويىچە يىگۈزسەكلا بولىدىكەن.
   بۇ يەردە ئېيتىلغان تۆت چوڭ تۈردىكى يىمەكلىكلەرنىسبىتى: كىراخمال تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى كۈندە بەش قېتىم، مىۋە-كۆكتات تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر كۈندە بەش قېتىم، سۈت تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر كۈندە ئۈچ قېتىم، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر كۈندە ئىككى قېتىم يىگۈزۈلۈشى كىرەك ئىكەن.
   بۇ نىسبەت بويىچە بالىلارنىڭ يىمەك-ئىچمىكىنى تەڭشىگەندە، بالىلارغا مول ھەم تەڭپۇڭ بولغان ئۇزۇقلۇق تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشقا بولىدۇ. ھەرقېتىملىق ئۇزۇقلاندۇرۇشتا چوقۇم مۇشۇ بويىچە ئىش كۆرمىسەكمۇ، كۈندىلىك نىسبەتنىڭ مۇشۇ بويىچە بولىشىغا كاپالەتلىك قىلساقلا بولىدۇ. مەسىلەن، ئەتىگەنلىك ناشتىدا كىراخمال تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئاساس قىلساق، چۈش ۋە كەچلىك تاماقتا مىۋە-كۆكتات تۈرىدىكىلەرنى ئاساس قىلساق بولىدۇ.
كۈندە بەش قېتىم كىراخمال تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردە ئۇزۇقلاندۇرۇش
   بالىلارنىڭ يىمەكلىكى كىراخمال تۈرىنى ئاساس قىلىشى كىرەك. كىراخمال تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر بوۋاق ئۈچۈن ئىنىرگىيە، ۋىيتامىن، مىنرالنى ماددىلارنى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بەزىلىرى يەنە يىمەكلىك تالا ماددىلىرى تەمىنلەيدۇ. سۇلۇ قاتلىمىسى، تۇسى قەلەمچىسى قاتارلىقلارنى يەنە بالىلارنىڭ ئۇششاق يىمەكلىكى ئورنىدا يىگۈزۈشكىمۇ بولىدۇ.
   بالىلارنىڭ ھەربىر ۋاخلىق تامىقىدا بىر تۈرلۈك كىراخمال تۈرىدىكى يىمەكلىك بولۇشى كىرەك، ياكى بولمىسا ئۇششاق يىمەكلىكلەر ئارقىلىق تۇلۇقلاپ بىرىلسىمۇ بولىدۇ.
ھەركۈنى بەش قېتىم مىۋە-كۆكتات تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگۈزۈش
   ھەرۋاخلىق تاماقتا، بىر ئۆلۈش مىۋە-كۆكتات تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر بار بولۇشى كىرەك؛ يىڭىسى، توڭلىتىپ ساقلانغىنى، سۇسىزلاندۇرۇلغىنى ياكى ئوراپ قاچىلانغانلىرىنىڭ ھەرقاندىقى ھىساب بولىۋىرىدۇ.
ھەركۈنى ئۈچ قېتىم سۈت مەھسۇلاتلىرى يىمەكلىكلىرى يىگۈزۈش
   بالىلارغا ياكى بوۋاقلارغا ماس كىلىدىغان سۈت مەھسۇلاتلىرى يىمەكلىكلىرى، ئانا سۈتى، رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى، قېتىق، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، پىشلاق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   ئىككى ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، پۈتۈن ياغلىق كالا سۈتى ياكى قېتىق ئىچىشى كىرەك؛ ئىشتىھاسى ياخشى بوۋاقلارغا قارىتا، ئىككى ياشتىن كىيىن ئۇنىڭغا يېرىم ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى ئىچكۈزسەك بولىدۇ.
ھەركۈنى 3-2قېتىم ئاقسىل تۈرى يىمەكلىكلىرى يىگۈزۈش
   بالىلارغا ماس كىلىدىغان ئاقسىل تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەر، توخۇ گۆشى، قوي گۆشى، راك، بېلىق، تۇخۇم ۋە قاتتىق پوستلۇق مىۋە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   ھەر ھەپتىسىگە ئازدىگەندە ئىككى قېتىم بېلىق يىگۈزۈش، ھەمدە ئازدىگەندە بىر قېتىم ياغ تەركىبى مول بولغان بىلىقلارنى يىگۈزۈش كىرەك. مەسىلەن، سەنۋىن بېلىقى(三文鱼)، سادىن بېلىق(沙丁鱼) قاتارلىقلار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号