ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » رەسىملىك تائاملار » جان قوزام
بوۋىقىڭىز قىزىتقان مىۋىگە تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كېتىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-01كۆرۈلىشى : قېتىم
   مىۋە-چىۋە ياخشى نەرسە، لېكىن قىش كۈنلىرىگە كەلگەندە، ئاتا-ئانىلار مىۋىنىڭ بەك سوغۇق بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بالىغا مىۋىنى قىزىتىپ ئاندىن يىگۈزىدۇ. بىراق نەتىجىدە، مايمۇن شاپتۇلىنى قىزىتسا بەك چۈچۈمەل بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، بۆلجۈرگەننى قىزىتىسىمۇ يەنىلا چۈچۈمەل بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقايدۇ....
   ئەمەلىيەتتە، بۇ سىزنىڭ مىۋىنى خاتا تاللىۋالغانلىقىڭىزدىن بولۇپ، بەزىبىر مىۋىلەرنى قىزىتقاندىن كېيىن، تېخىمۇ تەملىك بولۇپ كېتىدۇ. تۆۋەندە، بالىغا مىۋىنى قىزىتىپ يىگۈزۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

رەڭگارەڭ مىۋىلىك سۈت
   ھەر خىل مىۋىلەر بىلەن كالا سۈتى قوشۇلۇپ، تەملىك ھەم كالتسىي تولۇقلايدىغان تائام بولىدۇ.
كىتەرلىك ماتېرىيال: ماڭگو، شىياڭجاۋ، خولۇڭگو، كۇلى بىھىسى، رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى 150مىللىلىتىر، تۆت دانە تۇخۇم، 40گىرام ئۇن، 5گىرام سېرىق ماي
ماس كېلىدىغان بالىلار: 9ئايلىقتىن يۇقىرى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئايرىپ ئالىمىز؛ سېرىق ماينى قىزىق سۇغا سېلىپ ياكى دۈملەش قازىنىدا قىزىتىپ ئىرىتىمىز.
   تۇخۇمنىڭ ئېقىغا كالا سۈتى، سېرىق ماي ۋە ئۇن قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز ھەمدە سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈپ سۈزىمىز.

   بارلىق مىۋىلەرنى ئۇششاق توغرايمىز.

   تەخسىدىن بىرنى تەييارلاپ، كالا سۈتى تۇخۇم سۇيۇقلۇقىنى قۇيۇپ، ئۈستىگە مىۋىلەرنى سالىمىز.
   دوخوپكىغا سېلىپ، 120گىرادوسلۇق قىزىقلىقتا 30مىنۇت قاقلايمىز ياكى دۈملەش قازىنىدا 20مىنۇت دۈملەيمىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号