ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » رەسىملىك تائاملار » جان قوزام
ئەتىياز پەسلىدە كالتسىي تولۇقلاشتا بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-18كۆرۈلىشى : قېتىم
   دورا بىلەن تولۇقلىغاندىن يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلىغان ياخشى، باھار پەسلىدە كالتسىي تۇلۇقلاشتا، تۆۋەندىكى ئۇششاق يېمەكلىكنى سىناپ بېقىڭ! بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، خاسىڭدىن ئۆزگىچە بىر خىل ئۇششاق يېمەكلىك تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: خاسىڭ، تۇخۇم، تۇز، شېكەر، قىزىلمۇچ تالقىنى، زىرە تالقىنى، قارىمۇچ، قىزىلمۇچ سوقمىسى، قارا كۈنجۈت
تەييارلاش ئۇسۇلى
   خاسىڭنى سۇدا يۇغاندىن كېيىن سۈيىنى پاكىزە ساقىتىۋىتىپ، ئۈستىگە تۇخۇمدىن ئىككىنى چېقىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   كەينىدىن ئۆزىمىزنىڭ تەم خاھىشىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، شېكەر، قىزىلمۇچ سوقمىسى، زىرە تالقىنى، قارىمۇچ، قىزىلمۇچ سوقمىسى، قارا كۈنجۈت قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەم تەڭشەيمىز.
   تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، خاسىڭ يۈزىگە خۇرۇچ ماتېرىياللىرىنى تۇلۇق يېپىشتۇرىمىز؛ كەينىدىن ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىمغا بۆلۈپ ئۇن قوشىمىز.
   ئۇن خاسىڭغا قايتا يېپىشماي ئارتۇق بولۇپ قالغاندا ئۇن قوشۇشنى توختىتىمىز؛ ئەگەر خاسىڭ بىر-بىرىگە چاپلىشىپ قالغان بولسا، قولىمىزدا ئاجرىتىپ چوقۇم ئايرىم-ئايرىم دانىچە ھالىتىگە ئەكىلىمىز. (چوڭراق داسقا تەييارلىغان خاسىڭنى تۆكۈپ، داسنى ئوڭ-سولغا چايقاپ، ئۇننى تەكشى يېپىشتۇرساق بولىدۇ.)
   چويلا بىلەن ئارتۇق ئۇننى سۈزۈپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، خاسىڭنى دوخوپكا تەخسىسىگە تەكشى يېيىلتىپ قويىمىز، بۇنىڭدا ئىسسىقلىققا ئۇچرىشى تەكشى بولىدۇ.
   خاسىڭنى دوخوپكىغا سېلىپ، ئاستى ئۈستى 170گىرادوسلۇق قىزىقلىقتا 20مىنۇت ئەتراپىدا قاقلىساق بولىدۇ.
   خاسىڭنى دوخوپكىدىن ئېلىپ تەبىئىي سۇۋۇتقاندىن كېيىن، ناھايىتى چۈرۈك ھەم تەملىك بولىدۇ، مايدا داغلاپ پىشۇرغانغا قارىغاندا كۆپ ساغلام بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号