ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يەر شارىدىكى ئەڭ قىممەت ئادەم، قېنى ئالتۇندىن قىممەت
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئاھالىلەر، قارا تەنلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ. باشقا ئىرقتىكى كىشىلەر كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، مۇتلەق كۆپ قىسمى، باشقا قىتئەلەردىن ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەردۇر. بىراق، ئافرىقا قىتئەسىدە شۇنداق ئاجايىپ بىر خىل قارا تەنلىكلەر بار ئىكى، ئۇلارنىڭ سىرتقى شەكلى باشقا قارا تەنلىكلەر بىلەن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تىرە رەڭگى بىر خىل ئېقىش كىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ئۇلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى، بەلگىلىك يۇشۇرۇن خەۋپنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كىلىدۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟
   ئافرىقىدىكى بۇ بىر توپ كىشىلەردە، ئېغىر دەرىجىدىكى ئاقىرىپ كىتىش كىسلى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى قارا رەڭ ماددىسى ئاللبۇرۇنلا يوقاپ كەتكەن. بۇ سەۋەپلىك، ئۇلار ئەينى جايدىكى باشقا ئاھالىلەرگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالغان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئافرىقىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇراپى بولغاچقا، ئۇلار داخاننىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ قان سۇيۇقلۇقى ۋە بەدەن ئەزالىرى كىسەل داۋالىيالايدۇ دىگەن يالغان سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، بۇ بىر توپ كىشىلەر باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى "ئالتۇن كان"غا ئايلانغان. چۈنكى، ئاقىرىپ كىتىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان قارا تەنلىكنىڭ بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ باشلىنىش باھاسى 2000مىڭ ئامرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالتۇندىنمۇ قىممەت توختايدۇ. شۇڭلاشقا، ھەمىشە نۇرغۇنلىغان ئاقىرىپ كىتىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر، باشقىلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچرايدۇ.
   ئەينى جايدىكى ھۆكۈمەت بۇ قىلمىشتىن قاتتىق چۆچۈپ، "ئاقىرىپ كىتىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاھالىلەرنى ئوۋلاشنى چەكلەش" ھەققىدە ئىنىق قانۇن تۈزۈپ چىققان. بىراق، ئافرىقىدا نوپۇس كۆپ، ھەم 2000دوللار ئۇلارغا نىسبەتەن ئاز بولمىغان بايلىق ھىسابلىنىدىغان بولغاچقا، ھەتتا بەزىلەر ئەترەت تەشكىللەپ ساقچىخانىغا كىرىپ ئادەم بۇلايدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىققان. بۇنداق قالايمىقان ئەھۋالغا قارىتا،  ھۆكۈمەت تەرەپ يەنە بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا چارە قوللىنىپ، خەلق ئاممىسىنى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئافرىقىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەردىكى ساقچى ئورگانلىرى مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ، ئاقىرىپ كىتىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا قارىتا پۈتۈن كۈنلۈك قوغداش ئېلىپ بارغان.

   رەسىمدىكى بۇ ئوغۇل بالا، ئاقىرىپ كىتىش كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق سەۋەبىدىن، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، قولىدىن ئايرىلىپ قالغان. بەخىتكە يارىشا، ئۇ ۋاقتىدا ساقچىلار تەرپىدىن قۇتقۇزىۋىلىنغان بولۇپ، بولمىغاندا ھاياتى خەۋپكە ئۇچرار ئىدى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号