ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەر قىرىققا يەتكەندە نىمىشقا تېخىمۇ ئالا كۆڭۈل بولۇپ قالىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   توي تۇرمۇشىغا قەدەم قويغان ئاياللار، بەك كۆپ زىھنىنى ئۆي تۇتۇشقا سەرپ قىلىپ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ۋە ئىرىم، بالام دەپلا ئۆتكەچكە، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئىلگىرىكى ھۆسنىدىن قالىدۇ. ئەرلەر بولسا بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇلار توي تۇرمۇشىدىن كىيىن يەنىلا ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ؛ ئۇلار پۈتكۈل زىھنىنى ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائى ئالاقىگە قارىتىپ، بارغانسىرى ياشىرىپ كىتىدۇ.
   ئۇنداقتا، ئەرلەر قىرىق ياشقا كىرگەندىن كىيىن، نىمىشقا تېخىمۇ ئالا كۆڭۈل بولۇپ قالىدۇ؟ بۇ بىرنەچچە سەۋەپنى ئاياللار چۈشىنىشى كىرەك.
تېخىمۇ پىشىپ يىتىلىپ، ئەرلىك جەلىپكارلىق تولۇپ تېشىپ تۇرىدۇ
   قىرىق ياشلىق ئەرلەر ياش يىگىتلەرگە ئوخشىمايدۇ؛ ياش يىگىتلەر پەقەت ياشلا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى بولسا تېخى بوشلۇق ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئەمما قىرىق ياشلىق ئەرلەر بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇزۇن يىللىق تىرىشىشلار ئارقىلىق، بەلگىلىك ئىگىلىككە ئىگە بولغان بولۇپ، بىر يەردە شۇنداقلا تۇرسا، پۈتكۈل جىسمىدىن پىشىپ-يىتىلگەن ئەرلەرگە خاس بىر خىل جەلپكارلىق چىقىپ تۇرىدۇ.
    تاشقى قىياپەت جەھەتتىكى پىشىپ يىتىلىشلا ئەمەس، ھەرىكەت-قىلمىشلىرى جەھەتتىمۇ ئىلگىرىكى گۆدەكلىكىنى يوقاتقان بولۇپ، جاھاندارچىلىق قىلىشنى بىلىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، نۇرغۇن ئاياللار بۇنداق پىشىپ-يىتىلگەن ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئەرلەر بولسا مەيلى قايسى ياش مەزگىلى بولمىسۇن، يېشى كىچىك چىرايلىق قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرى كۆپ بولغاچقا، قانداق قىلىپ قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋىلىشنى بىلىدۇ
   ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر جاھاندا نەچچە ئون يىل ياشاپ، نۇرغۇن ئىسسىق سۇغۇقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرى ياشلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، ئادىمىيلىك تەبىئىتىنى تۇنۇپ يەتكەن، روھى ھالىتىمۇ تېخىمۇ تۇراقلىق كىلىدۇ.
   ئۇلار مۇھەببەتكە نىسبەتەن، ياش يىگىتلەرگە ئوخشاش ئۇنداق قاراملىق قىلمايدۇ، قىزلارنىڭ كۆڭلىنى قانداق ئۇتۇۋىلىشنى بىلىدۇ. ئەرلەر بۇ ياش مەزگىلىگە يەتكەندە، ئاياللارنىڭ كۆڭلىدە نىمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلدىغان بولۇپ، بىر قاراپلا سىزنىڭ نىمىنى ئىپادىلىمەكچى بولغىنىڭىزنى بىلىۋالالايدۇ.
ئايالى بارغانسىرى قېرىپ ھۆسنىدىن قالىدۇ
    ئەركىشى قىرىق ياشقا يەتكەندە، ئۇلارنىڭ ئايالى ئىلگىرى توي قىلغاندىكى چىرايىدىن قالىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا، ئەرلەرگە نىسبەتەن ياش ھەم چىرايلىق كەلگەن قىزلار تېخىمۇ مەپتۇن قىلارلىق كىلىدۇ.
   ئۆيىدىكى ئايالى بىلەن پەقەت ئەر-خوتۇنلۇق نامىلا قالىدۇ، ھەتتا ئاللىبۇرۇنلا ئەر-خوتۇنلۇق ئەمىلىيىتىمۇ قالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۇرغۇن ئەرلەر كۆپ ۋاقىتلاردا سىرتلاردا مىھماندارچىلىق بىلەن ئۆتىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن ياش ھەم چىرايلىق قىزلار ئەتراپىدىن ئۈزۈلمەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يىڭىلىق تۇيغۇسىنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەرگە نىسبەتەن، بۇنداق قىزىقتۇرۇشلارغا بەرداشلىق بىرىپ كىتەلىشى ناتايىن بولۇپ  قالىدۇ.
    كىشىلەرنىڭ مۇھەببەتكە بولغان ئىنتىلىشى ئىزچىل مەۋجۇت، ئەمما ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردە پەرق بار. بىراق كىشىلەر ئىنتىلىش بىلەن بىرگە، ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كىرەك. گۈزەل نەرسىلەرنى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما پىرىنسىپقا ۋە ئەخلاققا رىئايە قىلىشنى ئۇنتۇپقالماسلىق لازىمدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号