ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قايتا تويلاشقان ئەر-خوتۇنلارمۇ بەخىتلىك بولالايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-10كۆرۈلىشى : قېتىم
   قايتا تويلاشقان ئەر-خوتۇنلار گەرچە تۇنجى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلاردەك كۈيۈپ پىشىپ تويلاشقان بولمىسىمۇ، بەزىلىرى ھەتتا باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرىشى ئارقىلىق ئاندى بىر ئۆيگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرى ئوخشاشلا مۇھەببەت جەھەتتە ئازاپقا ئۇچرىغان ئىككى ئادەمگە نىسبەتەن، ئۇلار بىر-بىرىگە يەنىلا ئەڭ ياخشى يار-يۆلەك بولالايدۇ.
    قايتا تويلىشىش بەخىتلىك بولالماسلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ؛ خۇددى بىز ئەڭ دەسلەپتە توي تۇرمۇشىغا ئىنتىلگەنگە ئوخشاش، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۈمىدىنى ھازىرقى ئوبىكىت ئۈستىگە باغلىشىمىز لازىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇنداق بىر خىل مۇھەببەت ئۈچۈن، بىز بىر-بىرىمىزنى قەدىرلەپ، بىز-ىرىمىزنى توغرا چۈشىنىشىمىز ھەمدە بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە ئاسرىشىنى ھىس قىلىپ يىتىشىمىز لازىم.
   ھەرقانداق بىر بۆلەك مۇھەببەت، تەدرىجى يىتىلدۈرۈش ئاستىدا شەكىللىنىدۇ؛ بىز ئەگەر بىر ئادەمنى ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ كىرگۈزمەكچى بولساق، ھەتتا مەڭگۈلۈك ھەمرا بولۇپ ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلساق، ئۇنداقتا قارشى تەرەپنى تەسىرلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز كىرەك. بۇ دەل، قايتا تويلاشقانلارنىڭ بەخىتلىك بولالىشىدىكى ھالقىلىق مەسىلىدۇر.

    ئەمىلىيەتتە، تۆۋەندىكى ئۈچ نوقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسا، قايتا تويلاشقانلارمۇ بەخىتلىك بولالايدۇ.
ئۆز-ئارا سەمىمى بولۇش، گۇمان ۋە خاتا قاراشنى تاشلاش
   قايتا تويلىشىش، ئىككە تەرەپكە نىسبەتەن كىچىك بولمىغان بىر قېتىملىق سىناق بولۇپ، بىز قەلبىمىزدىن ئۆتمۈشتىكى بىر ئادەمنى تىرىشىپ چىقىرىپ تاشلاش بىلەن بىرگە، يەنە مۇھەببىتىمىز ئارقىلىق يىڭى بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. بۇ ئەسلىدىلا، ئادەمگە نىسبەتەن بىر سىناق ھىسابلىنىدۇ.
    بۇ جەرياندا، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىش، ھەرتۈرلۈك كۆنەلمەسلىك قاتارلىقلاردىن ساقلىنالمايدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ قەلبىدىكى مۇھىملىق دەرىجىسىنى پەرەز قىلغۇدەك جاسارىتى بولمايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، بۇنداق قىلىش بىھاجەت. چۈنكى، سىز ئۇنىڭ ئالدىنقى يېرىم ئۆمرىدىكى ئادەم بولمىغىنىڭىز بىلەن، سىز ئۇنىڭ كىيىنكى يېرىم ئۆمرىگە ھەمرا بولۇپ ئۆتىدىغان ئادەم.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىزدىكى بۇ خىل ئۆزىمىزگە ئىشەنمەسلىك سەۋەبىدىن، ئوتتۇرلۇقتا نۇرغۇنلىغان توغرا چۈشەنمەسلىكلەر ۋە گۇمانلىنىشلار كۆرىلىدۇ. بىز قايتا تويلىشىشنى قارار قىلغان ۋاقتىمىزدا، قارشى تەرەپكە ھەممە ئىشلىرىمىزنى سەمىمىيەت بىلەن بىلدۈرۈشىمىز، ھەمدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە، قارشى تەرەپتىكى ئىھتىياتچانلىق پىسخىكىسىنى تۈگىتىپ، قەلىبلىرىمىزنى تۇتاش قىلىشقا تىرىشىشىمىز لازىم.
مەسىلىگە يولۇققانداق ئورتاق يۈزلىنىپ ئورتاق ھەل قىلىش
   ھەربىر قايتا تويلاشقان ئەر-خوتۇنلار، تۇرمۇش ئادەتلىرى، ئەتراپتىكىلەرنىڭ نەزەر قاراشلىرى ۋە گۇمانلىنىشلىرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كىلىدۇ؛ شۇڭلاشقا، ئەگەر بەخىتلىك بىر توي تۇرمۇشىغا ئىرىشىمەن دىسە، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ھەمدە بىر-بىرىگە قەلپ دەرۋازىسىنى ئېچىۋىتىشى لازىم بولىدۇ. بۇنىڭدا، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە پايدىلىق بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئائىلە ئەزارلىرى قارشى تەرەپنى قوبۇل قىلىدۇ.
    ئەلۋەتتە، بۇ ئۇزۇن بىر جەريان؛ ئوتتۇرلۇقتا نۇرغۇنلىغان توسالغۇلار بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئائىلىدىكى كىچىك ئەۋلادلار چوڭلارنىڭ قايتا توي قىلىشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ؛ شۇڭا، چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغىتىپ، ئىككەيلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئالغا ئىلگىرلەش لازىم بولىدۇ.
قايتا تويلىشىشتىن ئىلگىرىكى بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىتەرەپ قىلىپ، زۈرۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنىش
   بارلىق قايتا توي قىلغانلار، ئىلگىرىكى ئىرى(ياكى ئايالى) بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە دۇچار بولىدۇ. شۇڭا بىز، ئىلگىرىكى ئىرىمىز(ياكى ئايالىمىز) بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تۇلۇق ھەم پاكىزە بىتەرەپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئاندىن قايتا تويلىشىشىمىز كىرەك. بۇ، قايتا تويلىشىش ئوبىكتىغا مەسئۇل بولغانلىقىمىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قايتا تويلىشىشنىڭ مەقسىتى، تۇراقلىق بىر ئائىلىگە ئىرىشىش، ھەرگىز ئايىغى قۇرىمايدىغان جىدەل-ماجرا ئەمەس. شۇڭا، بىز قارشى تەرەپنى قوبۇل قىلغان ئىكەنمىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قوبۇل قىلىدىغىنىنىڭمۇ مۇكەممەل بىر ئادەم بولۇشىغا بىز ئۆزىمىز كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىمدۇر.
    ئادەتتە، ئىلگىرىكى ئىرىڭىز(ياكى ئايالىڭىز) بىلەن سىزنىڭ ئوتتۇرىڭىزدا، بىر خىل يېقىنلىق ۋە تۇنۇشلۇق تۇيغۇسى بار بولىدۇ؛ بىراق بۇ، سىزنىڭ قايتا تويلىشىش ئوبىكتىڭىزنىڭ نەزىرىدە بىر خىل كىرزىس ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز، بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بىرىشىگە يول قويماسلىقىمىز، بەزىبىر زۈرۈرىيىتى مۇناسىۋەتلەرنى پاكىزە بىتەرەپ قىلىپ تۈگىتىپ، ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر يەتكۈزىشىدىن ساقلىنىشىمىز كىرەك.
    قايتا تويلىشىش، ئەسلىدىنلا بەزىبىر جەزىملەشتۈرگىلى بولمايدىغان ئامىللارغا تولغان كىلىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، نۇرغۇن كىشىلەر قايتا تويلىشىشنى مۇستەھكەم مۇناسىۋەت ئەمەس دەپ قارايدۇ، ھەتتا چەتكە قاقىدۇ. بىراق، بىز ھامان ئۆزىمىز يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈپ بولالمايمىز؛ ئەمىلىيەتتە، قايتا تويلىشىش ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس؛ بىز پەقەت يۇقارقى نەچچە نوقتىنى ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرالىساقلا، ھەمدە سەمىمىي مۇھەببىتىمىزنى بېغىشلىساقلا، مەيلى قايتا تويلىشىش بولسۇن ياكى تۇنجى توي بولسۇن، ئوخشاشلا بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشكىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号