ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارنى كىچىلىك زاكىدىن قانداق ئازاد قىلىش كىرەك؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بالا چوڭۇپ بەلگىلىك ياشقا يەتكەندىن كىيىن، ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسىدىن بىرسى كۆپىيىدۇ؛ ئۇ بولسىمۇ، بالىلارنى كىچىسى كىچىك تەرەتكە قوپۇرۇشنى (يەنى، كىچىلىك زاكىدىن ئايرىش) چېنىقتۇرۇش مەسىلىسىدۇر.
   ئاز بولمىغان ئانىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ بالىسى كۈندۈزى ئۆزى بىر ئوبدان تەرەت قىلىدىغان بولۇپ، كىچە بولسىلا، ياتقان يىرىگە كىچىك تەرەت قىلىپ سالىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا، يېشى كىچىكرەك بالىلار ھەرھالدا ياخشى؛ بىراق يەسلى يېشىغا يىتىپ قالغان بالىلار تېخىچە ئۆزىنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتىنى باشقۇرالمىسا، يەسلىدە مۇئەللىمنىڭ ئاستىرتتىن بىزار بولۇپ قېلىشىنى قوزغاپ قويۇشى مۇمكىن.
   بۇ سەۋەپلىك، بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە، كىچىلىك زاكىدىن ئايرىش ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقايلى. بىراق، رەسمى تۈردە سۆزلەشنى باشلاشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
   1. كىچىسى تەرەتكە قوپۇشنى مەشىقلەندۈرۈشتە، ئەڭ ياخشىسى بالا كۈندۈزى ئۆزى كىچىك تەرەت قىلالايدىغان بولغاندىن كىيىن ئاندىن باشلاش كىرەك.
   2. كۈندۈزگە سېلىشتۇرغاندا، كىچىسى تەرەتكە قوپۇشنى مەشىقلەندۈرۈش تېخىمۇ تەسكە توختايدىغان بولۇپ، بەزى بالىلار نەچچە ئاي ھەتتا بىرەر يىلدا ئاندىن كونتىرول قىلالايدىغان بولالىشى مۇمكىن؛ شۇڭا بەك ئالدىراپ كىتىشكە بولمايدۇ.
   3. بالىلارنىڭ ئۆگىنىشنىڭ ئاستا ياكى تىز بولۇشى، ھېچقانداق ئادەمنىڭ خاتالىقى ئەمەس؛ شۇڭا ئۆزىڭىزنى بەك ئەيىبلەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
   ھازىرقى ياز پەسلى، بالىلارنىڭ ئۆزى تەرەت قىلىشىنى مەشىقلەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولۇپ، تۆۋەندە بىز بىرلىكتە، قانداق مەشىقلەندۈرۈش كىرەكلىكىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.
ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا سۇنى ئاز ئىچىش
   بۇنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ سۆزلىشىمىز، بۇ ھەقىقەتەنمۇ بەك مۇھىم!
   بالىلارنى كۈندۈزلىرى سۇنى كۆپرەك ئىچىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، چۈشتىن كىيىن سائەت بەشتىن كىيىن ياكى ئۇخلاشتىن ئىككى سائەت بۇرۇنقى ۋاقىتتىن باشلاپ، بالىغا سۇ ۋە مىۋە شەربىتى قاتارلىقلارنى ئىچكۈزمەسلىك كىرەك؛ چۈنكى ئىچىملىكنى قانچە كۆپ ئىچسە، كىچىك تەرىتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. بۇندىن باشقا، بالىلارنىڭ ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ھاجەتكە چىقىپ، دوۋساقنىڭ بېسىمىنى يىنىكلىتىدىغان ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
    بىراق، بەزى بالىلارنىڭ ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا سۈت ئىچىدىغان ئادىتى بار بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر بۇنىڭدىن ھەقىقەتەن بەك ساقلىنىپ بولالمىساق، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئامالنى سىناپ باقساق بولىدۇ.
كىچىسى تەرەتكە قوپۇش ۋاقتىنى قانۇنىيەتلىك تەرتىپكە كىرگۈزۈش
    بۇ يەردە ئالدىن ئەسكەرتىش بىرىپ قوياي: بۇ خىل ئۇسۇل ئادەمنىڭ سەۋرچانلىقىنى ھەقىقى تۈردە سىنايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلىۋىلىشىڭىز كىرەك.
   كىچىسى ياتقان ئورنىغا كىچىك تەرەت قىلىپ ئادەتلىنىپ قالغان بالىلارغا قارىتا، ئاتا-ئانىلار ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىچىسى تەخمىنەن قايسى ۋاقىتتا كىچىك تەرەت قىلىدىغانلىقىنى بايقاپ چىقىپ، بۇ ۋاقىتتىن بىر سائەت ياكى يېرىم سائەت بۇرۇن بالىنى ئويغىتىپ ياكى يېرىم ئويغان ھالەتتىكى بالىنى كۆتۈرۈپ ئېچىقىپ كىچىك تەرەت قىلغۇزۇش كىرەك. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، بالىدا تەدرىجى ھالدا شەرتلىك رىفلىكىس شەكىللىنىپ، دوۋساقنىڭ تولۇپ كەتكەنلىك سەۋەپلىك كىلىپ چىققان غىدىقلاشتىن ئويغىنىپ كىچىك تەرەت قىلىشقا قوپىدىغان بولىدۇ؛ زاكىنىمۇ تەبىئىيلا لازىم قىلمايدىغان بولىدۇ.
ئەتراپتىن ياردەمچى ئىزدەش
   بۇ ياردەمچى، بالىڭىز ياخشى كۆرىدىغان مەلۇم بىرەر كارتون ئادەم، ياكى يەسلىدىكى مۇئەللىم، بىللە ئوينايدىغان دوستلىرى قاتارلىقلارنىڭ قاندىقى بولسا بولىۋىرىدۇ. پەقەت ئۇلارنىڭ گەپ-سۆز ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، بالىنى كىچىلىك زاكىدىن ئايرىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ بىرىش كىرەك. سىز بۇ خىل ئۈلگە كۆرسىتىشنىڭ كۈچىنى ھەرگىز بوش چاغلاپ قالماڭ.
ئاخىرىدا، بىر خىل ئەھۋالدا بالىنى دوختۇرغا ئاپىرىش كىرەك
   ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز بەش ياشتىن ئېشىپ كەتكەندىن كىيىمۇ، يەنىلا كىچىسى ئۆزىنىڭ كىچىك تەرىتىنى كونتىرول قىلالماي، ھەمىشە ياتقان يىرىگە كىچىك تەرەت قىلىپ قويسا(ھەپتىدە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق، ھەمدە ئۈزۈلمەستىن ئۈچ ئاي داۋاملاشسا)، ئۇنداقتا، بالىڭىزدا كىسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن؛ بۇ ئەھۋالدا، بالىنى چوقۇم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈش كىرەك.
   بالا چوڭ بولغاندىن كىيىنمۇ ھەمىشە ئۇخلىغان يىرىگە سىيىپ قويسا، بۇ ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان فىزىلوگىيىلىك جەھەتتىكى سەۋەپلەردىن باشقا، پىسخىكىلىق ۋە كىسەللىك ئامىللىرىنىڭ بار بولۇش ئىھتىماللىقىمۇ بار بولىدۇ، بۇنىڭغا كەسپى دوختۇرلار ئاندىن ھۆكۈم قىلالايدۇ. شۇڭلاشقا، بالىلار بەش ياشتىن ئاشقاندىن كىيىنمۇ ئۇخلىغان يىرىگە كىچىك تەرەت قىلىپ ئۇخلىسا، ئۇنداقتا بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش، كىچىكتۈرمەسلىك كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号