ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
ئاق قېرىنقولاق(银耳)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-06 كۆرۈلىشى : قېتىم

   ئاق قېرىنقولاق ئادەتتە يەنە ئاق ساڭراۋ قولاق(白木耳) دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، زەمبۇرۇغلار تىپىدىكى ترېمېللا زەمبۇرۇغى ئۇرۇقدىشىغا تەۋەدۇر. ئاق قېرىنقولاقنىڭ "زەمبۇرۇغلار ئىچىدىكى شاھ" دىگەن نامى بار بولۇپ، تۇرمۇشىمىزدا نىسبەتەن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرىدۇر.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  银耳
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Tremella
باشقىچە ئاتىلىشى: ئاق ساڭراۋ قولاق(白木耳)
تەۋەلىكى: زەمبۇرۇغلار دۇنياسى—بازىدلىق زەمبۇرۇغلار تىپى—غەيرى ئايرىغۇچى بازىدىيە زەمبۇرۇغى سىنىپى—ترېمېللا زەمبۇرۇغى ئەترىتى—ترېمېللا زەمبۇرۇغى ئائىلىسى—ترېمېللا زەمبۇرۇغى ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ئاق قېرىنقولاقنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى قىسمى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، دەسلەپكى قەدەملىك ئانالىز نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاق قېرىنقولاق تەركىبىدىكى ئاقسىللار ئىچىدە 17 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە پىرولىننىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن.
    ھەر 100 گىرام ئاق قېرىنقولاق تەركىبىدە 200 كىلو كالورىيە ئىنىرگىيە، 369 مىللىگىرام فوسفور، 79 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 50 مىكروگىرام كاروتىن، 1.4 گىرام تالا ماددىسى، 8 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 1.1 مىللىگىرام تۆمۈر، 1.95 مىكروگىرام سېلىن، 1.26 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 1.17 مىللىگىرام مانگان، 1.05 مىللىگىرام تىئامىن،1.588گىرام كالىي، 1.1 مىللىگىرام ناترىي، 54مىللىگىرام ماگنىي، 36 مىللىگىرام كالتسىي، 10گىرام ئاقسىل، 1.3 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 1.03 مىللىگىرام سىنىك، 1.4 گىرام ياغ، 1.25 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 1.08 مىللىگىرام مىس بار.
ئىستىمال قىممىتى
   1. ئاق قېرىنقولاق تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ ۋە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى، مىنرالنى ئىلمىنىتلار، گلىكوگىن قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئاق قېرىنقولاق تەمىنلىيەلەيدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك ئاق قېرىنقولاق ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدىكى قۇۋۋەت يىمەكلىكى ھىسابلىنىدۇ.
   2. ئاق قېرىنقولاق جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرالايدىغان بولۇپ، جىگەرنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ؛ ئاق قېرىنقولاقنىڭ يەنە ياشانغانلاردىكى ئاستا خارەكتىرلىك كاناي ياللۇغى، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كىسىلى قاتارلىقلارغا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە داۋالاش ئۈنۈمى بار.
   3. ئاق قېرىنقولاق تەركىبىدە ۋىيتامىن Dمىقدارى نىسبەتەن مول بولۇپ، بۇ كالتسىينىڭ خوراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆسۈپ-يىتىلىشكە پايدىلىق بولىدۇ. ئاق قېرىنقولاقنىڭ يەنە سېلىن قاتارلىق مىكرو ئىلمىنىت تەركىبى مول بولغاچقا، ئۇ ئادەمبەدىنىنىڭ راك ئۆسمىسىگە قارشى تۇرۇش ئىممونىت كۈچىنى كۆچەيتىدۇ.
   4. ئاق قېرىنقولاق راك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ رادىئاتسىيەلىك داۋالاش ۋە خېمىيىلىك داۋالاشقا بولغان چىداشچانلىقىنى ئاشۇرالايدۇ.
   5. ئاق قېرىنقولاقنىڭ تەبىئى ئۆسۈملۈك تىپىدىكى يېپىشقاق ماددا تەركىبى بار بولۇپ، ئادەم تىرىسىگە قارىتا ئۈنۈملۈك قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
   6. ئاق قېرىنقولاق تەركىبىدىكى يىمەكلىك تالا ماددىسى ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، ياغنىڭ سۈمۈرلىشىنى ئازايتىپ، ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
   7. ئاق قېرىنقولاقنىڭ باھنى قۇۋۋەتلەپ بەدەننى كۈچلەندۈرۈش ھەم مىڭىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ كاللىنى سەگىتىش رولى بار.
   8. ئاق قېرىنقولاقنىڭ زور مىقداردىكى سۇ تەركىبى بار بولغاچقا، ئۇ سۇ سۈمۈرگەندىن كىيىن ھەجىمى 10 ھەسسە كۆپىيىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ناھايىتى ياخشى بولغان چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号