ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
گوللاندىيە پۇرچىقى(荷兰豆)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-06 كۆرۈلىشى : قېتىم

   گوللاندىيە پۇرچىقى، بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، كىپىنەكسىمانلار ئائىلىسى كۆك پۇرچاق ئۇرۇقدىشىغا تەۋە. گوللاندىيە پۇرچىقى گوللاندىيەدىنلا چىقىدىغان ئەمەس، گوللاندىيە پۇرچىقى دەپ ئاتىلىشتىكى سەۋەب، ئۇنى دۆلىتىمىزگە گوللاندىيەلىكلەر ئېلىپ كىرگەن.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 荷兰豆
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Pisum sativum
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىكلەر سىنىپى—پۇرچاق ئەترىتى—كىپىنەكسىمانلار ئائىلىسى—كۆك پۇرچاق ئۇرۇقدىشى
   ئالاھىدە ئەسكەرتىش: چوقۇم تۇلۇق پىشۇرۇپ ئاندىن ئىستېمال قىلىش كېرەك
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100گىرام گوللاندىيە پۇرچىقى تەركىبىدە، تەخمىنەن 30 كىلو كالورىيە ئېنېرگىيە، 2.5 گىرام ئاقسىل، 0.3 گىرام ياغ، 4.9 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 1.4 گىرام ئىرىمەيدىغان يېمەكلىك تالا ماددىسى، 9 مىللىگىرام ناترىي، 16 مىللىگىرام ماگنىي، 19 مىللىگىرام فوسفور، 116 مىللىگىرام كالىي، 51 مىللىگىرام كالتسىي، 0.48 مىللىگىرام مانگان، 0.9 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.06 مىللىگىرام مىس، 0.5 مىللىگىرام سىنىك، 0.4 مىكروگىرام سېلىن، 80 مىكروگىرام ۋىتامىن A، 0.09 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.04 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 0.7 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 16 مىللىگىرام ۋىتامىن C، 0.3 مىللىگىرام ۋىتامىن E قاتارلىقلار بار.
ئىستېمال ئۇسۇلى
   گوللاندىيە پۇرچىقىنى ئىستېمال قىلىشتا، زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چوقۇم ئالدى بىلەن سۇدا قاينىتىپ ياكى ياغدا داغلاپ، رەڭگى ئۆزگىرىپ تۇلۇق پىشقاندىن كېيىن ئاندىن ئىستېمال قىلىش كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号