ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
يىسىۋىلەك(白菜)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يىسىۋىلەك ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىگىزلىكى ئادەتتە 60-40 سانتىمىتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ؛ يسىۋىلەك تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ كۆرلىدىغان ھەمدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆكتات تۈرى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  白菜
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Brassica pekinensis
باشقىچە ئاتىلىشى:  سېرىق بىخلىق يىسىۋىلەك(黄芽菜)
رەڭگى: ئاق، يىشىل
تارقالغان رايونلىرى: دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە كەڭرى تارقالغان
 
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
    يىسىۋىلەك تەركىبىدە Bتۈرىدىكى ۋىيتامىنلار، ۋىيتامىن C، كالتسىي، تۆمۈر، فوسفور قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مىكرو ئىلمىنىت سىنىكنىڭ مىقدارىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. جۇڭگۇ تىبابىتىدە يىسىۋىلەكنىڭ تەبىئىتى سۇغۇققا مايىل، ئەمما زەھەرسىز كىلىدىغان بولۇپ، ئۇنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازاننى ياخشىلاپ، ئۇسسۇزلۇقنى ۋە بىئاراملىقنى تۈگىتىش، سۈيدۈك ۋە چوڭ تەرەتنى ھەيدەش، ئىسسىقنى ھەيدەپ زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈمى بار دەپ قارايدۇ.
   يىسىۋىلەك تەركىبىدە يىرىك تالا ماددىسى مول بولۇپ، ئۈچەينى سىلىقلاش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، ئۇنىڭ يەنە زەھەر ھەيدەشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كەلتۈرۈپ، چوڭ تەرەتنىڭ قويۇپ بىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇندىن باشقا دائىم يىسىۋىلەك يەپ بەرگەندە سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە كالتسىي تۇلۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
ئىستىمال دورىلىق قىممىتى
   ئۈچەينى ياخشىلاپ تەرەتنى ھەيدەيدۇ، ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
   يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ، قۇۋۋەت تۇلۇقلايدۇ.
   راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، راك ھۈجەيرىلىرىگە قارشى تۇرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号