ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
ياپىلاق موگو (平菇)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-07 كۆرۈلىشى : قېتىم

    ياپىلاق موگو، بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغ تىپى كۈنلۈكسىمان زەمبۇرۇغ ئەترىتى يان قۇلاق ئائىلىسىدىكى بىر خىل موگو بولۇپ، تۇرمۇشتا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان، ئىستېمال قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۈلرەڭ موگۇدۇر.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 平菇
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Pleurotus ostreatus
   تەۋەلىكى: زەمبۇرۇغلار دۇنياسى—بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغ تىپى—كۈنلۈكسىمان زەمبۇرۇغ سىنىپى—كۈنلۈكسىمان زەمبۇرۇغ ئەترىتى—يان قۇلاق ئائىلىسى—يان قۇلاق ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام ياپىلاق موگو تەركىبىدە، 24 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە، 1.9 گىرام ئاقسىل، 0.3 گىرام ياغ، 4.6 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 2.3 گىرام سۇدا ئىرىمەس تالا ماددىسى، 4 مىللىگىرام ناترىي، 14 مىللىگىرام ماگنىي، 86 مىللىگىرام فوسفور، 258 مىللىگىرام كالىي، 5 مىللىگىرام كالتسىي، 0.07 مىللىگىرام مانگان، 1 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.08 مىللىگىرام مىس، 0.61 مىللىگىرام سىنىك، 1.1 مىكروگىرام سېلىن، 2 مىكروگىرام ۋىتامىن A، 0.06 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.16 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 3.1 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 4 مىللىگىرام ۋىتامىن C، 0.79 مىللىگىرام ۋىتامىن E بار.
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   1. ياپىلاق موگونىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى تۇخۇمنىڭ 2.6 ھەسسىسىگە، پالەك قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ 15 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ؛ تەركىبىدە 18 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان 8خىل ئامىنو كىسلاتاسى نىسبىتى %8.38گە يىتىدۇ.
   2. ياپىلاق موگو تەركىبىدە ياپىلاق موگو ماددىسى، كىسلاتالىق پولىساخارىد قاتارلىق ئاكتىپ ماددىلار بار بولۇپ، ساغلاملىق، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە.
   3. ياپىلاق موگو، نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان باكتېرىيە ۋىرۇسلارغا قارشى تۇرۇش ئاكتىپچانلىقىغا ئىگە.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号