ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
شىڭباۋ موگوسى (杏鲍菇)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-08 كۆرۈلىشى : قېتىم

   شىڭباۋ موگوسى، ئەلا سۈپەتلىك چوڭ تىپتىكى كۈنلۈكسىمان موگو بولۇپ، بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار تىپى يان قۇلاق ئائىلىسىگە تەۋە. شىڭباۋ موگوسى، ئىستېمال قىلىشقا، دورىغا ئىشلىتىشكە ۋە دورىلىق يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئېتى قېلىن، يۇمران ۋە چۈرۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 杏鲍菇
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Pleurotus eryngii
   تەۋەلىكى: زەمبۇرۇغلار دۇنياسى—بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار تىپى—بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى—كۈنلۈكسىمان زەمبۇرۇغلار ئەترىتى—يان قۇلاق ئائىلىسى—يان قۇلاق ئۇرۇقدېشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام شىڭباۋ موگۇسى تەركىبىدە، تەخمىنەن 24 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە، 3.6 گىرام ئاقسىل، 0.5 گىرام ياغ، 0.1 گىرام تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى، 0.2 گىرام كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، 0.1 گىرام يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، 88گىرام سۇ، 7.4 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 4.3 گىرام يېمەكلىك تالا ماددىسى، 0.3 گىرام سۇدا ئىرىشچان تالا ماددىسى، 4 گىرام ئىرىمەيدىغان تالا ماددىسى، 80 مىكرو گىرام فولىن كىسلاتاسى، 2 مىللىگىرام ناترىي، 15 مىللىگىرام ماگنىي، 120 مىللىگىرام فوسفور، 460 مىللىگىرام كالىي، 1 مىللىگىرام كالتسىي، 0.07 مىللىگىرام مانگان، 0.3 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.15 مىللىگىرام مىس، 0.7 مىللىگىرام سىنىك، 0.14 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.28 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 801 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 1.61 مىللىگىرام پانتونىك كىسلاتا، 0.18 مىللىگىرام ۋىتامىن B6، 1.8 مىكرو گىرام ۋىتامىن D بار.
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   شىڭباۋ موگوسىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۆسۈملۈك ئاقسىل تەركىبى %25 كە يىتىدۇ، تەركىبىدە 18 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار؛ شىڭباۋ موگوسىنىڭ بەدەننىڭ ئىممونت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، راكقا قارشى تۇرۇش ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇزۇقلۇقنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى تېزلىتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号