ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
قىشلىق موگو (香菇)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-07 كۆرۈلىشى : قېتىم

   قىشلىق موگو، بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغ تىپى كۈنلۈكسىمان زەمبۇرۇغ ئەترىتى پارقىراق تۈكلۈك زەمبۇرۇغ ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ دۆلىتىمىزدىن تارقالغان، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان موگو. قىشلىق موگو، ئېتى قېلىن ھەم يۇمران، تەمى تاتلىق، ئۇزۇقلۇقى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ئىستېمال قىلىشقا ھەم دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
   خەنزۇچە ئىسىمى: 香菇
   لاتىنچە ئىسمى: Lentinus edodes (Berk.)sing
   تەۋەلىكى: زەمبۇرۇغلار دۇنياسى—بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغ تىپى—كۈنلۈكسىمان زەمبۇرۇغ سىنىپى—كۈنلۈكسىمان زەمبۇرۇغ ئەترىتى—پارقىراق تۈكلۈك زەمبۇرۇغ ئائىلىسى—قىشلىق موگو ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام قىشلىق موگو تەركىبىدە، تەخمىنەن 20 گىرام ئاقسىل، 1.2 گىرام ياغ، 61.7 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 11 مىللىگىرام ناترىي، 124 مىللىگىرام كالتسىي، 415 مىللىگىرام فوسفور، 26 مىللىگىرام تۆمۈر،0.07 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 1.13 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 18.9 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا ۋە بەلگىلىك مىقداردا مانگان، سىنىك، مىس، ماگنىي، سېلىن، ۋىتامىن C قاتارلىقلار بار.
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
قىشلىق موگو، دۆلىتىمىزدىكى ئېستىمالغا ئىشلىتىدىغان داڭلىق موگو بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن "موگۇلار ئىچىدىكى خانىش" دەپ تەرىپلەنگەن. قىشلىق موگونىڭ دورىلىق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۆسمە كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇش، قان نۆكچىسى شەكىللىنىشكە قارشى تۇرۇش، ئاشقازان ۋە جىگەرنى ساغلاملاشتۇرۇش، دوكلۇق كېسىلى ۋە قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号