ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قورۇما قورۇش جەريانىدىكى ئاسانلا راك پەيدا قىلىدىغان ئادەتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يىمەك-ئىچمەككە بولغان تەلىۋى يۇقىرى، تائاملارنى تېخىمۇ تەملىك ھەم كۆرۈنىشى چىرايلىق تەييارلاش ئۈچۈن، كىشىلەر كۆپ مىقداردا خۇرۇچ ماتىرياللىرى قوشۇپ، ئوتنى كۈچلۈك قىلىپ قورۇما تەييارلايدۇ. بىراق، بەزىبىر كۆزگە ئىلمەيدىغان كىچىك ئادەتلەرنىڭ راك كىسەللىكى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ماي قىزىپ بۇس ئۆرلەشكە باشلىغاندا ئاندىن يىمەكلىكنى قازانغا سېلىش
    يىڭىدىن قورۇما قورۇشنى ئۆگەنگەن ۋاقىتتا، چوڭلار قازاندىكى ماي قىزىپ بۇس ئۆرلەشكە باشلىغاندا ئاندىن يىمەكلىكنى سېلىشنى تەكىتلەيتتى.
   بىراق، بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ئىستىمال مايلىرى، زور مىقداردا بۇس ئۆرلەپ چىقىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ قىزىقلىقى 250سىلتسىيە گىرادوسقا يىتىدىغان بولۇپ، ماينىڭ تىمپىراتۇرسى بەك قىزىق بولۇپ كەتسە، بەزىبىر راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ئاسانلا يىمەكلىك تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇقنىڭ ئېقىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   توغرا بولغان ئۇسۇل: ماي قىزىپ بۇس ئۆرلەشكە باشلاشتىن بۇرۇن، يىمەكلىكنى قازانغا سېلىپ قورۇشنى باشلاش.
كۆكتاتنى توغراپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن قاينىتىش
   كۆكتاتلارنى توغرىغاندا، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى پۇراق تەمى ئاسانلا يوقاپ كىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇنى يەنە بىر قېتىم سۇدا قايناتساق، تەركىبىدىكى سۇدا ئىرىشچان ۋىيتامىنلار ۋە بىر قىسىم مىنرالنى ماددىلارنىڭ زور مىقداردا ئېقىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   توغرا بولغان ئۇسۇل: كۆك سەينى ئاۋال قاينىتىۋالغاندىن كىيىن(قاينىتىۋىلىشقا تىگىشلىك بولغانلىرىنى)، ئاندىن توغراش؛ يىشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى قايناتقان(قاينىتىۋىلىشقا تىگىشلىك بولغانلىرىنى) ۋاقىتتا بولسا، ئازراق تۇز ۋە ماي قوشۇپ، ئوكسىدلانغان ئىنىزىملارنىڭ يىشىل يۇپۇرماق تەركىبىدىكى خلىروفىلنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىدىن ساقلىنىش كىرەك.
قورۇما قورۇغاندا نۇرغۇن خۇرۇچ ماتىرياللىرى سېلىش
   كۆكتاتنىڭ تەملىك ھەم يىيىشلىك بولۇشى ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر قورۇما قورىغاندا كۆپلىگەن خۇرۇچ ماتىرياللىرىنى قوشىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئادەم ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا نۇرغۇنلىغان تۇز تەركىبى ئىستىمال قىلىۋالىدۇ.
   ئادەتتە، جىياڭيۇنىڭ تۇز تەركىبى %20-%15ئەتراپىدا بولىدۇ؛ توخۇ تەم جەۋھىرىنىڭ تەركىبىدە بولسا %10كە يىتىدۇ؛ ئەگەر شىكەر قوشساق، شىكەر تۇزنىڭ تەمىنى سۇسلاشتۇرۋەتكەچكە، تېخىمۇ كۆپ تۇز سېلىۋىتىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   توغرا بولغان ئۇسۇل: قورۇما قورىغاندا ئازراقلا تۇز ۋە جىياڭيۇ سالساق بولىدۇ؛ تېتىتقۇ بىلەن توخۇ تەم جەۋھىرىنىمۇ ئاز ئىشلىتىش كىرەك. تەم تەڭشەش ئۈچۈن، غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساق، كاۋاۋىچىن دىگەنلەرنى كۆپرەك ئىشلەتسەك بولىدۇ.
قورۇما قورۇشتىن ئاۋال يىمەكلىكنى ئاۋال مايدا داغلىۋىلىش
   بۇ خىل ئادەت، ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلىدىغان ماي تەركىبىنىڭ ئېشىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، كۆكتات تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇقنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ ۋە بەزىبىر راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ.
   توغرا بولغان ئۇسۇل: مايدا داغلانغان يىمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستىما قىلىش.
بىر قورۇما قورىۋالغاندىن كىيىن، قازاننى يۇماستىن داۋاملىق ئىككىنچى خىل قورۇمىنى قورۇش
    نۇرغۇن كىشىلەر ئىرىنگەنلىكتىن ياكى قازاننى پاكىزە دەپ ئويلىغانلىقتىن، بىرىنچى خىل قورۇمىنى قورۇپ بولغاندىن كىيىنلا، قازاننى يۇماستىن ئىككىنچى خىل قورىمىنى قورۇشقا ئۆتۈپ كىتىدۇ.
   توغرا بولغان ئۇسۇل: ھەربىر خىل قورۇمىنى قورۇپ بولغاندىن كىيىن، قازاننى پاكىزە يۇۋىتىپ، ئاندىن ئىككىنچى خىل قورۇمىنى قورۇشقا ئۆتۈش.
قورۇما قورۇپ بولۇپلا بۇستاتقۇنى ئىتىۋىتىش
    ئەمىلىيەتتە، بۇستاتقۇنىڭ كىرەكسىز گازلارنى سۈمۈرۈپ سىرتقا چىقىرۋىتىشىگە بەلگىلىك ۋاقىت كىتىدۇ؛ قورۇما قورۇپ بولغاندىن كىيىن، يەنە ئاز بىر قىسىم كىرەكسىز گازلار تۇلۇق سىرتقا چىقىرۋىتىلىپ بولالماي، ئاشخانا ئىچىدە قالىدۇ.
    توغرا بولغان ئۇسۇل: قورۇما قورۇپ بولغاندىن كىيىن، ئادەتتە بۇستاتقۇنى 5-3مىنۇت داۋاملىق ماڭغۇزۇپ قويۇش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号