ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
نېلۇپەر يۇپۇرمىقى (荷叶)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-05 كۆرۈلىشى : قېتىم

    نېلۇپەر يۇپۇرمىقى، ياتما نېلۇپەر ئائىلىسىدىكى نېلۇپەر ئۆسۈملۈكىنىڭ يۇپۇرمىقى بولۇپ، ئادەتتە يېمەكلىكلەرنى ئوراپ پىشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئايرىم ئەھۋاللاردا گۈرۈچ قاتارلىق باشقا يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بىلەن قوشۇپ شورۋىگۈرۈچ قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 荷叶
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Lotus Leaf
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ياتما نېلۇپەر ئەترىتى—ياپما نېلۇپەر ئائىلىسى—نېلۇپەر يۇپۇرمىقى ئۇرۇقدېشى
دورىلىق قىممىتى
   نېلۇپەر يۇپۇرمىقىنىڭ كۆپىنچە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئوراپ پىشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، بىۋاستە ئىستېمال قىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز؛ لېكىن، بۇ ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتىگە قىلچىلىك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. نېلۇپەر يۇپۇرمىقىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، چۆچۈش كېسىلىگە قارشى تۇرۇش، جىگەرنى ساغلاملاشتۇرۇش، جىگەر تالالىشىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.
ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش رولى
   1. ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى ھەيدەيدۇ. نېلۇپەر يۇپۇرمىقى تەركىبىدە زور مىقداردا تالا ماددىسى بار بولۇپ، چوڭ ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلاپ چىقىرىشقا پايدىلىق رول ئوينايدۇ.
   2. كىچىك تەرەتنى ھەيدەپ بەدەندىكى ياغلارنى يوقىتىدۇ. نېلۇپەر يۇپۇرمىقى تەركىبىدىكى ئاروماتىك بىرىكمىلەر، بەدەندىكى ياغلارنى ئۈنۈملۈك ئىرىتىدۇ؛ ۋىتامىن B1، ۋىتامىن C ۋە كوففىئىن قاتارلىق ماددىلار ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشقا ۋە بەدەندىكى ياغلارنى ئىرىتىشكە پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
  3. چاي ئۇرۇقلىتىش ماددىسى مول بولۇپ، مىتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چاي ئۇرۇقلىتىش ماددىسى، ئىشتىھا بىلەن ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدىغان بىر خىل تەبىئىي ئاقسىل تەركىبى بولۇپ، ئىچ سۈرۈش ۋە قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. چاي ئۇرۇقلىتىش ماددىسى كەم بولسا، ئادەم بەدىنىنىڭ مىتابولىزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن، نىلوپەر يۇپۇرمىقى چېيى ئىچىپ بەرسەك، ئۈچەي يولىدا خورىغان چاي ئۇرۇقلىتىش ماددىسىنى ئۈنۈملۈك تۇلۇقلاپ، بەدەننىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
ئەسكەرتىش
   نېلۇپەر يۇپۇرمىقى چېيىنى، يەككە ھالدا ئۇرۇقلىتىش چېيى ئورنىدا ئىچىشكە ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىچىشكىمۇ بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号