ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قوساق ھەرقانچە ئېچىپ كەتسىمۇ بۇ كۆكتاتلارنى يىيىشكە بولمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھازىر تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ بارغانسىرى ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، قوساق تويغۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزىلىك تائاملاردىن ھۇزۇر ئېلىشقىمۇ بولىدىغان بولدى؛ شۇڭلاشقا، نۇرغۇن كىشىلەر يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە نۇرغۇن ئىشلارغا ئەھمىيەت بىرىشكە باشلاپ، يىشىل ھەم زىيىنى يوق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا. بىراق، ھەقىقى تۈردىكى يىشىل ھەم زىيىنى يوق يىمەكلىكەردىن، پەقەت ئۆزىمىز ئۆيدە تېرىپ ئۆستۈرگەن كۆكتاتلارلار بار بولۇپ، بازاردا سېتىلىۋاتقان كۆكتاتلارغا بولسا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ؛ چۈنكى بازاردىكى كۆكتاتلارغا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكەنلىك مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئىنساپسىز سودىگەرلەر، ئۆزى سېتىۋاتقان كۆكتاتنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەم كۆكتاتنى قارىماققا تېخىمۇ يىڭى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەزىبىر فورمالدىگىد(甲醛)لارنى ئىشلىتىدۇ. بۇنداق كۆكتاتلار قارىماققا يىڭىدەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمما ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى فورمالدىگىد ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەچكە، سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە يىيىشكە بولمايدۇ.
گورمۇن ئۇرۇلغان پەمىدۇر
    پەمىدۇر، بىز تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، تەملىك تائاملارنى تەييارلاشقا بولۇپلا قالماي، يەنە مىۋىنىڭ ئورنىدا يىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئاز بولمىغان خانىم-قىزلىرىمىز، ئادەتتە پەمىدۇرنى مىۋە ئورنىدا يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ چۈنكى، پەمىدۇرنىڭ تەركىبىدە ۋىيتامىنلىق ماددىلار ۋە پەمىدۇر ماددىسى مول بولۇپ، چىراينى گۈزەل قىلىش بىلەن بىرگە، ئۈچينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ. بىراق، پەمىدۇر سېتىۋالغاندا گورمۇن ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇلغان پەمىدۇر سېتىۋىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك؛ ئادەتتە گورمۇن ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇلغان پەمىدۇرنىڭ سىرتقى پوستى نىسبەتەن قاتتىق بولۇپ، رەڭگى ئۇنداق ئۇچۇق كەلمەيدۇ.
ناچار سۈپەتلىك قارا قېرىنقولاق
    كۆپ ئۇچرايدىغان زەمبۇرۇغلار تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قارا قېرىنقولاقنىڭ بىزنىڭ تاماق ئۈستىلىمىزدە كۆرىلىدىغان ۋاقتى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. قارا قېرىنقولاقنى قورۇما قورۇپ، سۇغۇق سەي تەييارلاپ ئستىمال قىلىشقا بولىدىغان بولۇپ، ئۆزى تەملىك ھەمدە ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى بولغان يىمەكلىك ماتىريالى ھىسابلىنىدۇ. بىراق، قارا قېرىنقولاقنىڭ باھاسىنى بەك ئەرزان دەپ كەتكىلى بولمايدىغان بولغاچقا، بەزى قارا نىيەت سودىگەرلەر قارا قېرىنقولاقنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، قارا قېرىنقولاقنى خېمىيىلىك ماددىلاردىن پايدىلىنىپ بىتەرەپ قىلىدۇ. بۇنداق قارا قېرىنقولاقنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زور زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يالىڭاچ سۇلۇ(油麦菜)
   يالىڭاچ سۇلۇ بىزگە ناتۇنۇش ئەمەس، بۇ خىل كۆكتاتنىڭ باشقا ئالاھىدە زىيىنى يوق، تەمىمۇ ياخشى؛ بىراق، يالىڭاچ سۇنى يۇيۇپ پاكىزلىماق ئىنتايىن تەس؛ بولۇپمۇ غولىنىڭ تۈۋى قىسمىدا بەزىبىر دېھقانچىلىق دورىلىرى قالدۇقلىرى قېلىپ قالىدىغان بولۇپ، بىردىن بىر ئايرىپ يۇيۇشقا توغرا كىلىدۇ. ئەگەر ئىرىنمەي بۇ ئۇسۇلدا تەپسىلى يۇمىغاندا، ئەلۋەتتە سالامەتلىككە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号