ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
لامنارىيە(海带)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   لامنارىيە دېڭىز يۈسۈنى تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇ تۆۋەن تىمپىراتورىلىق دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان چوڭ تىپتىكى قوڭۇر يۈسۈن ئۆسۈملۈكى. لامنارىيە بولسا ئۇزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بىر خىل كۆكتات بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە بەلگىلىك دورىلىق قىممىتىمۇ بار؛ لامنارىيەنىڭ پىشۇرۇش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ، قورۇما قورۇپ، شورپا قاينىتىپ ياكى سۇغۇق سەي تەييارلاپ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  海带
تەۋەلىكى : ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—قوڭۇر يۈسۈن تىپى—قۇڭۇر يۈسۈن سىنىپى—لامنارىيە ئەترىتى—لامنارىيە ئائىلىسى—لامنارىيە ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   لامنارىيەنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100 گىرام لامنارىيە تەركىبىدە 8.2 گىرام يىرىك ئاقسىل، 0.1 گىرام ياغ، 57 گىرام قەنت تۈرى، 9.8 گىرام يىرىك تالا، 12.9 گىرام ئانورگانىك تۇز، 2.25 گىرام كالتىسىي، 0.15 گىرام تۆمۈر، 0.57 مىللىگىرام كاروتىن،  0.69 مىللىگىرام ۋىيتامىن B1، 0.36 مىللىگىرام ۋىيتامىن B2، 16 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 262 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە بار.
دورىلىق قىممىتى
   لامنارىيەنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە دورىلىق قىممىتى بار، چۈنكى لامنارىيەنىڭ يۇد تەركىبى ئىنتايىن مول، يۇد بولسا قالقانسىمان بەز بىرىكتۈرىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئادەم بەدىنىدە يۇد ماددىسى كەملەپ كەتسە، ئادەم پوقاق كىسىلى بولۇپ قالىدۇ. بۇندىن باشقا لامنارىيە تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى ماننىتول بار بولۇپ، ماننىتولنىڭ سۈيدۈك ھەيدەپ ئىششىقنى ياندۇرۇش ھەمدە بۇ ئارقىلىق بۆرەك ئىقتىدارى چىكىنىپ ئاجىزلىشىش، ياشانغانلاردىكى سۇلۇق ئىششىق، دورىدىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار. لامنارىيە تەركىبىدىكى ماننىتول، يۇد، كالىىي، نىكوتىنىك كىسلاتا قاتارلىقلار ماسلىشىپ تەسىر كۆرسىتىپ، ئارتىرىيە قېتىشىش، يۇقىرى قان بېسىم، ئاستا خارەكتىرلىك كاناي ياللۇغى، ئاستا خارەكتىرلىك جىگەر ياللۇغى، قان ئازلىق، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ياخشىلاشتا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. لامنارىيە تەركىبىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى، يۈرەك كىسەللىكى، دىئابىت، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كىسەللىكلەرگە قارىتا بەلگىلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە ياخشىلاش رولىنى ئۆتەيدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号