ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئىشچى خىزمەتچىلەر دەم ئېلىش ئۆلچىمى يىڭىدىن ئېلان قىلىندى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-02كۆرۈلىشى : قېتىم

   8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائى كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ تور بىكىتىدە، "قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام-دەم ئېلىش كۈنلىرى قاتارلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئائىت ئۆلچەم" ئېلان قىلىنىپ، ھەپتىلىك دەم ئېلىش كۈنى، قانۇندا بىكىتىلگەن بايرام-دەم ئېلىش كۈنلىرى، يىللىق دەم ئېلىش، تۇققان يوقلاش رۇخسىتى، توي ۋە ماتەم رۇخسىتى قاتارلىق بەش تۈرلۈك دەم ئېلىش كۈنىگە بىكىتىلگەن ئۆلچەم قايتا ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
   ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائى كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەم ئېلىش كۈنلىرى، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈملەردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائى كوللىكتىپ، كارخانا ۋە كەسپى ئورۇنلار ھەمدە باشقا تەشكىلاتلاردا خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە، ئىشلەپچىقىرىش ياكى باشقا خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانمىسىمۇ بولىدىغان ھەمدە ئۆز خاھىشى بويىچە خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرسا بولىدىغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدىكەن.
   بىرلىككە كەلگەن خىزمەت ۋاقتىنى ئىجرا قىلىشقا ئامال بولمىغاندا، كەسپى ئورۇنلار دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئەھۋالغا قاراپ تەڭشىسە بولىدۇ
   ھەپتىلىك دەم ئېلىش كۈنىگە ئائىت ئۆلچەم: ھەپتىلىك دەم ئېلىش كۈنى، ئادەتتە ئومۇمى دەم ئېلىش كۈنى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشلىگەن ۋاقتىنىڭ بىر خىزمەت ھەپتىسىگە توشقاندىن كىيىنكى دەم ئېلىش ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ 174-نۇمۇرلۇق بۇيرۇقىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز ئىشچى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشلەش ۋە دەم ئېلىش ئۆلچىمى، بەش كۈن ئىشلەپ ئىككى كۈن دەم ئېلىش دەپ بىكىتىلگەن. بۇ قارار بىرلا ۋاقىتتا، دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپى ئورۇنلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن خىزمەت ۋاقتىنى بىكىتكەن ھەمدە ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى بىلەن يەكشەنبە كۈنىنى دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بىكىتكەن. بۇندىن باشقا، كارخانا ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش خىزمەت ۋاقتىنى ئىجرا قىلىشقا ئامال بولمىغان كەسپى ئورۇنلار بولسا، ئۆزىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا قاراپ دەم ئېلىش كۈنىنى تەڭشىسە بولىدۇ دەپ بىكىتكەن.
   ئومۇمى خەلق ئاممىسغا ئورتاق بولغان دەم ئېلىش كۈنىنى تۇلۇقلاپ بىرىشكە بولىدۇ؛ قىسمەن خەلق ئاممىسىغا ئورتاق بولغان دەم ئېلىش كۈنىنى تۇلۇقلاپ بىرىشكە بولمايدۇ
   قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرى ھەققىدىكى ئۆلچەم: قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرى بولسا، دۆلەت قانۇن-تۈزۈملىرىدە بەلگىلەنگەن ھەمدە خاتىرىلەش ۋە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان دەم ئېلىش كۈنىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ھەم ئەمگەكچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ بىر تۈرىدۇر.
    دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرى جەمئى 11كۈن.
   ئومۇمى خەلق ئاممىسىغا ئرتاق بولغان دەم ئېلىش كۈنلىرى: يىڭى يىل، بىر كۈن قويۇپ بىرىلىدۇ؛ باھار بايرىمى، ئۈچ كۈن قويۇپ بىرىلىدۇ؛ چوكانتال بايرىمى، بىر كۈن قويۇپ بىرىلىدۇ؛ ئەمگەكچىلەر بايرىمى، بىركۈن قويۇپ بىرىلىدۇ؛ تاڭزۇڭزا چاغىنى، بىر كۈن قويۇپ بىرىلىدۇ؛ جۇڭچىيۇۋ بايرىمى(تاۋۇز چاغىنى)، بىر كۈن قويۇپ بىرىلىدۇ؛ دۆلەت بايرىمى، ئۈچ كۈن قويۇپ بىرلىدۇ.
   قىسمەن خەلق ئاممىسىغا ئورتاق بولغان بايرام ۋە خاتىرە كۈنلىرى: ئاياللار بايرىمى(3-ئاينىڭ 8-كۈنى)، ئاياللار يېرىم كۈن قويۇپ بىرىلىدۇ؛ ياشلار بايرىمى(5-ئاينىڭ 4-كۈنى)، 14ياشتىن يۇقىرى ياشلار يېرىم كۈن قويۇپ بىرىلىدۇ؛ بالىلار بايرىمى(6-ئاينىڭ  1-كۈنى)، 14ياشقا توشىمغان بالىلار بىر كۈن قويۇپ بىرىلىدۇ؛ جۇڭگۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىق خاتىرە كۈنى(8-ئاينىڭ 1-كۈنى)، نۆۋەتتە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر يېرىم كۈن قويۇپ بىرىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئادەتلەنگەن بايرام كۈنلىرىدە، ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئادەتلىنىشىگە ئاساسەن دەم ئېلىشقا قويۇپ بىرىش ۋاقتىنى بىكىتىدۇ.
   ئومۇمى خەلققە ئورتاق بولغان دەم ئېلىش كۈنلىرى، ئەگەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىگە ئۇدۇل كىلىپ قالسا، خىزمەت كۈنىدە تۇلۇقلاپ بىرىلىشى كىرەك. ئەمما، قىسمەن خەلق ئاممىسىغا ئورتاق بولغان بايرام-دەم ئېلىش كۈنلىرى ئەگەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىگە ئۇدۇل كىلىپ قالسا، تۇلۇقلاپ بىرىلمەيدۇ.
   قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى، يىللىق دەم ئېلىش رۇخسىتىگە ھىسابلاپ كىرگۈزۈلمەيدۇ
   يىللىق دەم ئېلىش رۇخسىتى ھەققىدىكى ئۆلچەم: 2007-يىلى، گوۋۇيۈەن "خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق رۇخسەت ئېلىش نىزامنامىسى"(گوۋۇيۈەننىڭ 514-نۇمۇرلۇق بۇيرۇقى)نى ئېلان قىلىپ، ئورگان، كوللىكتىپ، كارخانا، كەسپى ئورۇنلار، شەخسىيلەر تەشكىللىگەن غەيرى كارخانا ئورۇنلىرى،  ئادەم ياللاپ ئىشلەتكەن يەككە تىجارەتچى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى، ئۇدا بىر يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغاندىن كىيىن، مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش رۇخسىتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى ئىنىق بىكىتكەن.
   خىزمەتچى خادىمنىڭ ئىشلىگەن ۋاقتى بىر يىلغا توشقان ئەمما ئون يىلغا يەتمىگەن بولسا، يىللىق دەم ئېلىش رۇخسىتى ھەر يىلى بەش كۈن؛ ئون يىلغا توشقان ئەمما يىگىرمە يىلغان يەتمىگەن بولسا، يىللىق دەم ئېلىش رۇخسىتى ھەر يىلى 10كۈن؛ يىگىرمە يىلغا توشقانلىرىنىڭ بولسا، يىللىق دەم ئېلىش رۇخسىتى 15كۈن دەپ بىكىتىلگەن. دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىدە بىكىتىلگەن دەم ئېلىش كۈنلىرى، يىللىق دەم ئېلىش رۇخسىتى ۋاقتىغا ھىسابلاپ كىرگۈزۈلمەيدۇ.
   توي قىلمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن ھەريىلى 20كۈن رۇخسەت بىرىلىدۇ، توي قىلغانلارغا بولسا تۆت يىلدا بىر قېتىم 20كۈن رۇخسەت بىرىلىدۇ
  تۇققان يوقلاش رۇخسىتىگە ئائىت ئۆلچەم: 1981-يىلى، گوۋۇيۈەن، "ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇققان يوقلاش تەمىناتى ھەققىدىكى بەلگىلىمە"نى ئېلان قىلىپ، دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق كوللىكتىۋى ۋە ئومۇمى خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانا ۋە كەسپى ئورۇنلاردىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ تۇققان يوقلاش رۇخسىتى ئۆلچىمىنى بەلگىلىگەن.
   بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتى بىر يىلغا توشقاندىن كىيىن، تويلاشقان ھەمرىيى بىلەن بىرگە تۇرالمايدىغان ھەمدە ئومۇمى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە يېغىلىپ بىرگە جەم بولالمايدىغانلار، جۈپتىنى يوقلاش رۇخسىتى تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدۇ(ھەريىلى بىر قېتىم، رۇخسەت ۋاقتى 30كۈن)؛ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرالمايدىغان ھەمدە ئومۇمى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە يېغىلىپ بىرگە جەم بولالمايدىغانلار، ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش رۇخسەت تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدۇ(توي قىلمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەر يىلى بىر  قېتىم، رۇخسەت ۋاقتى 20كۈن؛ توي قىلىپ بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۆت يىلدا بىر قېتىم، رۇخسەت ۋاقتى 20كۈن).
   بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن، بېرىپ كىلىش يول رۇخسىتى بىرىش كىرەك. تۇققان يوقلاش رۇخسىتى بولسا، ئومۇمى خەلق دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە قانۇندا بىكىتىلگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   توي ۋە ماتەم رۇخسىتى بىر كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە، مۇساپىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىغا قاراپ، بېرىپ كىلىش يول رۇخسىتى بىرىلىدۇ
  توي ۋە ماتەم رۇخسىتىگە ئالاقىدار ئۆلچەم: دۆلىتىمىزدە، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، توي ۋە ماتەم رۇخسىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ. "دۆلەتلىك ئەمگەك باش ئىدارىسى ۋە مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ توي ياكى ماتەم رۇخسىتى سوراش ۋە بېرىپ-كىلىش يول رۇخسىتى مەسىلىسى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش"تىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزى توي قىلغان ياكى ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ بىۋاستە تۇققىنى(ئاتا-ئانىسى، تويلاشقان جۈپتى ۋە پەرزەنتى) ئۆلۈپ كەتكەن ۋاقىتتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەھۋالغا قاراپ بىر كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە رۇخسەت بەرسە بولىدۇ.
   بۇندىن باشقا، مۇساپىنىڭ يېراق-يېقىنلىقىغا ئاساسەن، بەلگىلىك بېرىپ-كىلىش رۇخسىتى بىرىلىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号