ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار » كالا گۆشى قورىمىلار
ئون يىل يىسىڭىزمۇ زىرىكمەيدىغان قېرىن دۈملىمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قىزارتىپ دۈملەنگەن كالا قېرىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۆيدە تەييارلاپ بىر ئائىلە كىشلىرى ئىستېمال قىلىشقىمۇ ۋە ياكى مېھمان كۈتۈشكىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ.
   كېتەرلىك ماتېرىيال:   كالا قېرىنى، ئاق تۇرۇپ، زەنجىۋىل، شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىن، كاۋاۋىچىن، قاقمۇچ، پىۋا، سامساق، غولپىياز مايسىسى
   تەم خۇرۇچلىرى: قوناق كىراخمالى، تۇز، تېتىتقۇ ھارىقى، خۇڭشاۋ جىياڭيۇ، خاۋيۇۋ، شېكەر
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
   سېتىۋىلىپ ئەكەلگەن كالا قېرىنىنى سۇ ئېقىتىپ يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، كىراخمال،تۇز قاتارلىقلارنى قوشۇپ قايتا-قايتا ئۇۋۇلاپ يۇيىمىز، كەينىدىن سۇدا چايقايمىز، بۇ تەرىقىدە 6-5 قېتىم يۇيىمىز، سىرتتىن قارىغاندا پاكىزە كۆرۈنىدىغان ھەم غەلىتە پۇراق قالمىغان بولسىلا بولىدۇ.
   قازانغا سۇ قۇيۇپ، يۇيۇپ تەييارلىغان قېرىننى سېلىپ، ئۈستىگە زەنجىۋىل، تېتىتقۇ ھارىقى قوشۇپ قاينىتىپ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا غەلىتە پۇراقنى يوقىتىمىز. قاينىغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىۋالساق بولىدۇ.

-2-
   كالا قېرىنىنى يۇقىرى بېسىملىق قازاندا پىشۇرۇش كېرەك، بولمىسا يۇمشاق پىشمايدۇ؛ زەنجىۋىلنى كۆپرەك قوشىمىز، كەينىدىن يەنە شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىن، قاقمۇچ، كاۋاۋىچىن، بىر قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى، ئۈچ قوشۇق خۇڭشاۋ جىياڭيۇ، بىر قوشۇق تۇز قوشىمىز.
   كالا قېرىنى چۆكۈشكىچىلىك قىزىق سۇ قۇيۇپ، قېرىننى يۇقىرى بېسىملىق قازاندا 40 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز.

-3-
   كالا قېرىنى پىشىپ بولغىچىلىك ئارىلىقتا، تۇرۇپنى توغراپ تەييارلايمىز؛ قېرىن پىشقاندىن كېيىن ئازراق قويۇپ سۇۋۇتۇپ، قەلەمچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.

-4-
   قۇم قازىنىغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، غولپىياز ۋە سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز، كەينىدىن ئاق تۇرۇپنى سېلىپ ئۈستىگە بىر قوشۇق خۇڭشاۋ جىياڭيۇ، بىر قوشۇق خاۋيۇۋ، بىر كىچىك قۇشۇق شىكەر قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، توغراپ تەييارلىغان قېرىننى تۇرۇپنىڭ ئۈستىگە سالىمىز.
   قازانغا بىر قۇتا پىۋا قوشقاندىن كېيىن، كالا قېرىنى چۆكۈشكىچىلىك سۇ قۇيۇپ چوڭ ئوتتا قاينىتىمىز؛ قاينىغاندىن كېيىن كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ 20 مىنۇت قاينىتىپ دۈملەيمىز. ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، ئۈستىگە ئۇششاق توغرالغان غولپىياز مايسىسى سېپىۋىتىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号