ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار » كالا گۆشى قورىمىلار
كالا گۆشىنى بۇ ئۇسۇلدا پىشۇرسىڭىز ئۇزۇقلۇقى تېخىمۇ مول بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
   مۇرەككەپ ئىش تەرتىپى بولمىغان، ئاددىيلا نەچچە قەدەم بىلەنلا قورساققا سولاشقا بولىدىغان دۈملىمە كالا گۆشى، ھۇرۇنلۇقى تۇتۇپ قالغان، ئەمما مەزىلىك تاماق يىگۈسى كېلىپ قالغان دوستلارغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. ياڭيۇ بىلەن كالا گۆشىنى بىرگە قوشۇپ ئىستىمال قىلغاندا، سىزنىڭ تالىشىپ يەيدىغىنىڭىز بەلكىم ياڭيۇ بولۇشى مۇمكىن.
 
كالا گۆشى ياڭيۇ دۈملىمىسى

   خام ماتېرىيالى: كالا پەش گۆشى 150گىرام، ياڭيۇ 150گىرام، يۇمغاقسۈت، ئۇچلۇق قىزىل لازا، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز، شېكەر،
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كالا پەش گۆشىنى ئىككى سانتىمېتىر چوڭلۇقتا تۆت بۇرجەك توغراپ، سوغۇق سۇ قۇيۇلغان قازانغان سالغاندىن كېيىن، ئوتنى ئېچىپ قاينىتىمىز؛ قايناپ چىققاندىن كېيىن، ئۈچ مېنۇت قويۇپ، چىققان موزىلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىمىز.
   2. كالا گۆشىنى سۈزۈۋىلىپ، يۈز قىسمىدىكى موزا يۇقىلىرىنى يۇۋىتىمىز.
   3. شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، شېكەر ۋە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، 30مېنۇت قويۇپ قويىمىز.
   4. ياڭيۇنى ئاقلاپ يۇغاندىن كېيىن، كالا گۆشى بىلەن ئوخشاش چوڭ-كېچىكلىكتە توغرىۋالىمىز.
   5. ئۇچلۇق قىزىل لازىنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، چەمبەر شەكىلدە توغرايمىز.
   6. يۇمغاقسۈتنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، ئىككى سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى
   7. كالا گۆشى، ياڭيۇ، قىزىل لازا قاتارلىقلارنى بىرگە ئارىلاشتۇرۇپ، ئالدىدا كالا گۆشىنى تۇزلىغان شەربەتنى قۇيۇپ، قەلەي قەغەزگە ئورايمىز.
   8. دۈملەش قازىنىغا مۇۋاپىق سۇ قويۇپ، قەلەي قەغىزىگە ئورالغان يېمەكلىك ماتېرىيالىنى سېلىپ، ئوتتۇرا ھال ئوتتا 30 مېنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز. ئۈستىگە ئازراق تۇز ۋە يۇمغاقسۈت سېپىۋەتسەكلا تەخسىگە ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:
   1. كالا پەش گۆشىنىڭ ياغ تەركىبى نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا، بۇ تائامغا ماي ئىشلەتمىسەكمۇ بولىدۇ.
   2. كالا گۆشىنى سۇدا ئۇزۇنراق قايناتساق، كەينىدىكى باسقۇچتىكى دۈملەش ۋاقتىنى قىسقارتىشقا بولىدۇ.
   3. كالا گۆشىنى ئالدىدا تۇزلىغان بولغاچقا، ئاخىرىدا تۇز قوشقاندا، تائامنىڭ تەمىگە ئاساسەن مۇۋاپىق قوشۇڭ، بولمىسا بەك تۇزلۇق بولۇپ قالىدۇ.
   4. كالا گۆشى بىلەن ياڭيۇنى بەك چوڭ توغرىۋەتمەڭ، تەم كىرمىكى تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号