ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
پۇلدار كىشىلەرنىڭ لايىق تاللاش ئۆلچىمى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-31 كۆرۈلىشى : قېتىم
   پۇلدار كىشىلەر ئادەتتە تۆت خىلغا بۆلىنىدۇ: بىرىنچى ئەۋلاد پۇلدارلار، ئىككىنچى ئەۋلاد پۇلدارلار(يەنى پۇلدار ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلار)، بىردىنلا باي بولۇپ كەتكەنلەر ھەمدە پۇلى، ساپاسى، سەۋيىسى بار قابىللار. ئاياللارغا يۈزلەنگەن ۋاقىتتا، بۇ تۆت تۈردىكى پۇلدار كىشىلەرنىڭ ئىپادىلەيدىغان ھالىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
بىرىنچى ئەۋلاد پۇلدارلار: زىرەك كىلىدۇ
   بىرىنچى ئەۋلاد پۇلدارلار كۆپىنچە 50-40ياشلارغا كىرىپ قالغان ئوتتۇرا ياش كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئاز بولمىغان ئىسسىق-سۇغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ھىيلىگەر كىلىدۇ. ئۇلار ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن زىرەكلىك قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاياللارنىڭ پىسخىكىسىنى چۈشىنىدۇ ھەمدە ئايال كىشىنى قانداق كونتىرول قىلىۋىلىشنى بىلىدۇ.
   بۇنداق ئەرلەرنىڭ ئەتراپىدا ئايال كىشى ئاز بولمايدۇ، ئەمما ئۇلار ئاجرىشىپ كىتىشنى تاللىمايدىغان بولۇپ، ئەسلىدىكى ئايالى بىلەن ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە دەخلى قىلماسلىق ھالىتىنى ساقلايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئەگەر ئاجرىشىپ كەتسە ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق بىرىنچى ئەۋلاد پۇلدارلارغا قارىتا، سىز ئەڭ ياخشىسى ئۇلارغا قانداق ياتلىق بولارمەن دەپ ئاۋارە بولمىغىنىڭىز ياخشى.
ئىككىنچى ئەۋلاد پۇلدارلار: شاللاق كىلىدۇ
    ئىككىنچى ئەۋلاد پۇلدارلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا شاللىق كىلىشتۇر. ئايال كىشىگە قارىتا، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن تەجىربىلىرى بار؛ ئۇلارنىڭ بۇ تەجىربىلىرى گەرچە بىرىنچى ئەۋلاد پۇلدارلارنىڭكىدەك چوڭقۇر بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا خىراجەت كەمچىل بولمىغانلىق سەۋەبىدىن، ئادەتتە قىزلارنى ئاسانلا ئەل قىلىۋالالايدۇ.
   ئىككىنچى ئەۋلاد پۇلدارلارغا نىسبەتەن، ئادەتتىكى قىزلار يەنىلا ئەڭ ياخشىسى ئويلاشمىغىنى تۈزۈك؛ چۈنكى، ئۇلارنىڭ سىز بىلەن پەقەت ۋاقىتلىق كۆڭۈل خوشى قىلىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىزنى ئەمرىگە ئېلىشى ناتايىن. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تويلىشىدىغىنى، كۆپىنچە ئىككى خىل ئايال كىشى بولىدۇ: بىرسى، ئۆزىگە ئوخشاش پۇلدار ياكى داڭلىق ئائىلىدىن كىلىپ چىققان قىزلار؛ يەنە بىرسى بولسا نام قازانغان ياكى نام قازىنىۋاتقان چولپانلار.
بىراقلا باي بولۇپ قالغانلار: چاكىنا كىلىدۇ
   بىراقلا باي بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى، چاكىنىلىقتۇر. ئۇلار پۇلنى ساماندەك بۇزۇپ چاچىدۇ؛ ئاياللارغا قارىتا بولسا، ئۇلار پەقەت چىرايى بىلەن بەدەن شەكلىگىلا قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە چوقۇم ياخشى-يامان كۈنلەردە بىرگە بولۇپ ئۆتكەن ئايالى بولۇپ، سىز ھەرقانچە چىرايلىق بولسىڭىزمۇ، پەقەت ئۈچىنچى شەخىسلا بولالايسىز.
    ئۇلارنىڭ چوقۇم تۇنجى تويلاشقان ئايالى بولىدۇ؛ بىراق، كىيىنچە ئۇلار تۇيۇقسىزلا بېيىپ كەتكەندىن كىيىن، بەلكىم ئۆيىدىكى ئايالى ئۇنىڭغا سەت كۆرۈنۈپ، ياش ھەم چىرايلىقراق ئايال كىشىدىن بىرنى تېپىشنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئادەتتە، ئۇلارنىڭ تەلىۋى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس، پەقەت ئايال كىشىنىڭ چىرايى ۋە بەدەن شەكلى ئۇلارنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلالىسىلا بولىدۇ.
قابىللار: نەزىرى ئۈستۈن كىلىدۇ
   پۇلى، ساپاسى، سەۋيىسى بار قابىللارنىڭ نەزىرى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار ئايال كىشىنىڭ چىرايلىق، بەدەن شەكلىنىڭ ياخشى بولۇشىنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، يەنە ئايال كىشىنىڭ ساپاسى ۋە بەلگىلىك سەۋيىسى بار بولۇشىنى ھەمدە ئۈچ خىل قارىشى توغرا بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ماددىيغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ بەكرەك ئىتىبار بىرىدىغىنى روھىيەتتۇر.
    شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ نەزىرى ئەمىلىيەتتە ئەڭ يۇقىرى كىلىدۇ. ئايال كىشىنىڭ نەزەر دائىرىسى، ئەندىزىسى، ئەقىل-پاراسىتى، تەپەككۇرى، بىرگە بولغاندىكى ئازادىلىك تۇيغۇسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلار ئويلىشىدىغان تەرەپلەردۇر.
قابىللار، كۆپىنچە ئەقىللىق ئاياللار بىلەن توي قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ تويلىشىش ئوبىكتى بەك چىرايلىق بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما چوقۇم ئەقىللىق، ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتىدىغان، مۇستەقىل كۆز قارىشى بار، ئىگىلىكتە ئۆزىگە ياردەم قىلالايدىغان بولۇشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号