ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار » كالا گۆشى قورىمىلار
كالا گۆشى قورۇمىسى بىلەن تەييارلانغان قاچىلىق تاماق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
    پىياز بىلەن قوشۇپ قورۇلغان كالا گۆشى ئالاھىدە تەملىك بولۇپ، كالا گۆشىدە غەلىتە پۇراق چىقىۋالمايدۇ، تەييارلاش ئۇسۇلىمۇ ئاسان؛ بۇ خىل قاچىلىق تاماقنى يەۋالسىڭىز، بەدىنىڭىزگە ماغدۇر تۇلۇقلاپ، ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىدۇ.
ئاساسلىق قورۇما
   پىياز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قورۇلغان كالا گۆشى
قوشۇمچە قورۇما
   سۇدا پىشۇرۇلغان چىچەكسەي ۋە سەۋزە
كىتەرلىك ماتىريال
    نىپىز يالپاقلانغان كالا گۆشى(خوگودا ئىشلىتىلىدىغان)، پىياز، چىچەكسەي، سەۋزە
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
    ئىستىمالغا ئىشلىتىدىغان ماي، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز، شىكەر
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
   چىچەكسەينى يۇيۇپ پاكىزلايمىز، سەۋزىنى پارچە ھالەتتە توغرايمىز، پىيازنى قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز.
 
Step 2
   قازاندا سۇ قاينىتىپ، چىچەكسەي بىلەن سەۋزىنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئوتنى ئۆچۈرۈپ سۈزۈپ ئېلىپ قويىمىز.
 
Step 3
   چىچەكسەي بىلەن سەۋزىنى سۈزىۋالغاندىن كىيىن، قازانغا يالپاقلانغان كالا گۆشىنى سېلىپ قاينىتىپ ئالىمىز ھەمدە سۈيىنى پاكىزە ساقىتىۋىتىمىز.
 
Step 4
   قازاننى قايتا ئېسىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ياغ قۇيۇپ پىيازنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز.
 
Step 5
   كالا گۆشىنى سېلىپ، بىر قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئازراق تۇز ۋە شىكەر قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورىغاندىن كىيىن ئۇسۇپ ئېلىشقا بولىدۇ.
 
Step 6
   رەسىمدىكى ھالەتكە كەلگۈچە قورىساقلا بولىدۇ.
 
Step 7
   قاچىغا مىفەننى ئۇسۇپ ئېلىپ، ئۈستىگە كالا گۆشى قورىمىسى بىلەن سۇدا پىشۇرۇلغان چىچەكسەي ۋە سەۋزىنى ئالساق، بۈگۈنكى قاچىلىق تاماق تەييار بولغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号