ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار » كالا گۆشى قورىمىلار
قىزارتىپ پىشۇرۇلغان كالا گۆشى دۈملىمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا، تەييارلاشقا كۆپ ۋاقىت كەتمەيدىغان، ئەمما ئۇزۇقلۇقى مول ھەم يىيىشلىك بولغان تائام—قىزارتىپ پىشۇرۇلغان كالا گۆشى دۈملىمىسى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتېرىيال
   كالا گۆشى، ئاق تۇرۇپ، زەنجىۋىل، غولپىياز، پىياز، كىچىك قىزىلمۇچ، غولپىياز مايسىسى، يۇمغاقسۈت
تەم خۇرۇچلىرى
   قوناق كىراخمالى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، پۇرچاق بوتقىسى، قارىمۇچ، شىكەر
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
   كالا گۆشىنى كىچىكرەك قىلىپ توغراپ بىر قاچىغا سالىمىز؛ ئۈستىگە بىر قوشۇق قوناق كىراخمالى، بىر قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق ئىستېمال مېيى، زەنجىۋىل چانالمىسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، 15مىنۇت قويۇپ قويىمىز.
 
-2-
   ئاق تۇرۇپنى پارچە قىلىپ توغرايمىز، پىيازنى توغراپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
   قىيام تەييارلايمىز: چىنىگە ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق پۇرچاق بوتقىسى، ئازراق قارىمۇچ، بىر قوۇشۇق ئاق شىكەر قاتارلىقلارنى قوشۇپ، ئۈستىگە يېرىم چىنە سۇ قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.

-3-
   قۇم قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، غولپىياز ۋە زەنجىۋىلنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز، كەينىدىن تۇرۇپنى سېلىپ يۇمشىغۇچە قورۇيمىز.
   كەينىدىن، پىيازنى تۇرۇپنىڭ ئۈستىگە تەكشى ياتقۇزۇپ، پىيازنىڭ ئۈستىگە كالا گۆشىنى تەكشى ياتقۇزۇپ چىقىمىز؛ ئاخىرىدا، ئالدىدا تەييارلىغان قىيامنى ئۈستىگە قۇيۇپ، تۇۋاقنى يېپىپ ئوتتۇرا كىچىك ئوتتا 15مىنۇت دۈملەيمىز.(ئەگەر ئاچچىق يىيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، كالا گۆشىنىڭ ئۈستىگە ئازراق كىچىك قىزىلمۇچ قوشۇۋەتسىڭىز بولىدۇ)
   ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، ئۈستىگە ئازراق غولپىياز مايسىسى ۋە يۇمغاقسۈت سېپىۋەتكەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالسىڭىز بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号