ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار » كالا گۆشى قورىمىلار
قان تومۇرلارنى ياخشىلاشتىكى ئېسىل دورا—پىياز كالا گۆشى قورىمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كالا گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كۆكمۇچ ۋە پىيازلار بىلەن قوشۇپ قورىساق، تەملىك ھەم يىيىشلىك قورۇما تەييار بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، پىياز كالا گۆشى قورىمىسىنىڭ قان تومۇرلارنى يۇمشىتىش رولى بولۇپ، قان تومۇرلارنى ساغلاملاشتۇرۇپ، چىرايىڭىز تېخىمۇ قىزىرىپ تۇرىدىغان بولىدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: پىياز، كۆكمۇچ، كالا گۆشى، ئىستېمال مېيى، تۇز، كىراخمال، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى ۋە تېتىتقۇ ھارىقى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىرىنچى قەدەمدە، كالا گۆشىنى نىپىز توغراپ، ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرالغان زەنجىۋىل بىلەن بىللە بىر قاچىغا سالىمىز؛ ئۈستىگە ئازراق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تېتىتقۇ ھارىقى ۋە تۇز قوشۇپ، 150مىنۇت قويۇپ قويىمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، پىيازنى پارچە ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز؛ كۆكمۇچنى قەلەمچە ياكى پارچە ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز.
قورۇش ئۇسۇلى
   ئۈچىنچى قەدەمدە، قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئاۋۋال كالا گۆشىنى سېلىپ قورۇيمىز، كەينىدىن پىيازنى سلىپ، بىللە قورۇپ تەم كىرگۈزىمىز.
   تۆتىنچى قەدەمدە كۆمۇچنى سېلىپ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى ۋە تۇز قوشۇپ، چوڭ ئوتتا ئۈچ مىنۇت قورۇپ، يېمەكلىكلەر پىشقاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号