ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇخلاش ھالىتى ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئادەتتە، بىزنىڭ ئۈچ خىل ئۇخلاش ھالىتىمىز بار: ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلاش، دۈم يېتىپ ئۇخلاش ۋە يان تەرەپنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلاش. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى بولغان ئۇخلاش ھالىتى، ئوڭ يېنىنى بېسىپ يېتىشتۇر.
   ھازىر، دۈم يېتىپ ئۇخلايدىغان ئاياللار كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن؛ چۈنكى، بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتىدە ئايال كىشىنىڭ كۆكرەك قىسىمى بېسىمغا ئۇچراپ، نەپەسلىنىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا دۈم يېتىپ ئۇخلايدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ. بۇندىن باشقا، يېتىلىۋاتقان قىزلارغا نىسبەتەن، بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتى يەنە ئۇلارنىڭ كۆكسىنىڭ يېتىلىشىگە ۋە سىرتقى شەكلىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا دۈم يېتىپ ئۇخلاشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش  كېرەك.
   بالىياتقۇنىڭ كەينىگە يۆتكىلىپ كىتىشى، ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
   ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلاشنىڭ بەدەندىكى ئەزالارغا تەسىرى يوقتەك بىلىنىدۇ، لېكىن ئاياللارنىڭ كۆپىيىش سېستمىسى كەسمە يۈز سۈرىتىگە قارايدىغان بولساق، بالىياتقۇنىڭ ئورنى ئەسلىدە ئالدى تەرەپكىرەك جايلاشقان كېلىدۇ؛ ئەمما تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، بالىياتقۇ ئورنى كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن ئەھۋالنىڭ كۆپىنچىسى، ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
   ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىغاندا، بالىياتقۇ ئورنىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈپ كىتىشىگە ئەگىشىپ، يەنە تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەرمۇ بىللە كۆرۈلىشى مۇمكىن:
ھەيىز مىقدارى كۆپىيىپ كىتىش
   ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلاش، بالىياتقۇ ئورنىنىڭ كەينىگە يۆتكىلىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك تۇخۇمدان ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، كەينى ئاستى تەرەپكە ساڭگىلاپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە داس سۆڭەك ئارتىرىيە تومۇرىنىڭ بۇرمىلىنىپ قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ھەيىز مىقدارى كۆپىيىپ كېتىدۇ.
ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش
   كەينىگە يۆتكىلىپ كەتكەن بالىياتقۇ، خۇددى بىر چەينەككە ئوخشاش، بالىياتقۇ بوينى چەينەكنىڭ ئېغىزىغا، بالىياتقۇ بولسا چەينەك تېنىگە ئوخشايدۇ. چەينەكنىڭ ئېغىزى بولغان بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئورنى، چەينەك تېنى بولغان بالىياتقۇ بوشلۇقىدىن ئېگىز تۇرۇپ قالغان بولغاچقا، ھەيىز "چەينەك ئېغىزى"دىن بەدەن سىرتىغا چىقىرۋېتىلەلمەي، ھەيىز ئاغرىپ كېلىشنى پەيدا قىلىدۇ.
تۇغماسلىق
   بالياتقۇ ئورنى كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەندە، بالىياتقۇ بوينى يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ سىرتقى جىنسىي يول دىۋارىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بالىياتقۇ بوينىنىڭ سىرتقى ئېغىزى، ئىسپىرما كۆلچىكىدىن كۆرنەرلىك دەرىجىدە ئېگىز ئورۇنغا چىقىپ قېلىپ، ئىسپىرما بالىياتقۇ بوينى كانىلىغا ئوڭۇشلۇق كىرەلمەيدۇ ھەمدە تەبىئىيلا ھامىلدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ئاياللار يەنىلا ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
   ئوڭدىسىغا يېتىش بىلەن دۈم يېتىشنى چىقىرۋەتكەندىن كىيىن، پەقەت يان تەرىپىنى بېسىپ يېتىشلا قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، سول يېنىنى بېسىپ ياتسا يۈرەكنى بېسىپ بىرىپ بىئاراملىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار بولغانلىقى ئۈچۈن، يەنىلا ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتقىنى ياخشىراق بولىدۇ. بۇنىڭدا، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号