ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئانا، بەش ياش ۋاقتىدا بالا تۇغقان ئىكەن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىرغا كەلگۈچە، بۇ قىزنىڭ ھىكايىسى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ؛ چۈنكى، ئۇنىڭ ئۈستىدە يۈز بەرگەن ئىش ھەقىقەتەن بەك ھەيران قالارلىق بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. بۇ ئىشلارنى، 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ.
   بۈگۈنكى باش پىرسوناژنىڭ ئىسمى لىننا، 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، پىرۇدىكى نامرات بىر كەنتتە تۇغۇلغان؛ دادىسى كۈمۈشتىن قاچا-قۇچا ياساپ ئۆيىنى باقىدۇ، ئانىسى بولسا لىننانى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز بالىنى بېقىشقا مەسئۇل ئائىلە ئايالى.
   كۈنلەر ئۆتۈپ، لىننا بەش ياشقا كىرگەن يىلى، ھەمىشە ئاشقازىنى ئاغرىپ، قوساق قىسمى ئاستا-ئاستا كۆپۈپ يوغىناشقا باشلايدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىسى لىننادا بىرەر ئۆسمە كىسەللىكى كۆرۈلگەن ئوخشايدۇ دەپ قاراپ، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتكەن.
   ئەينى ۋاقىتتا، جىلاردو.لىسادو ئىسىملىك بىر دوختۇر لىننانىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن؛ ئويلىمىغان يەردىن، دوختۇر لىننانىڭ سۈت بېزىنىڭ يىتىلىپ مۇكەممەل ھالەتكە يەتكەنلىكىنى، بىرىنچى جىنسىي ئالاھىدىلىكىنىڭمۇ پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى بايقىغان. ئادەمنىڭ تېخىمۇ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى، لىننانىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغىنىغا بىر مەزگىل بولۇپ قالغان.
   ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئۆزىمۇ ئىشىنەلمىگەن جىلاردو دوختۇر، لىننانى شەھەردىكى چوڭ بىر دوختۇرخانىغا قايتا تەكشۈرتۈش قىلىشقا ئەۋەرتكەن؛ لىكىن، نەتىجە يەنىلا ئوخشاش چىققان. بىراق مۇشۇ ۋاقىتتىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىگە ئىشىنەلمىگەن.
   1939-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، لىننانىڭ داس سۆڭىكى ۋە سۆڭەكلىرىنىڭ يىتىلىش دەرىجىسى، نورمال تۇغۇتقا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان بولغاچقا، ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق، 2.7كىلوگىرام كىلىدىغان ئوغۇل بوۋاقتىن بىرنى تۇغقان.
   كىيىنچە، بەزىبىر ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشلەردە بايقىلىشىچە، لىننا ئۈچ ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا ھەيىز كۆرۈشنى باشلىغان؛ بۇ سەۋەپلىك، ئۇنىڭغا "جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يىتىلىپ قېلىش" كىسەللىكى بار دەپ دىئاگونوز قويۇلغان.
   ئادەتتىكى ئەھۋالدا، كىچىك بالىلارنىڭ ياشلىق دەۋرى 12-11ياشلار مەزگىلىدە باشلىنىدۇ؛ بىراق، لىننانىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە ئەھۋاللار ئارىسىدىكى ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ، ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىكەن.
   جىنسىي جەھەتتىن بالدۇر يىتىلىپ قېلىش، لىننانىڭ ئۈستىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ بىرىشكە ئاساس بولالايدۇ؛ بىراق، ئۇ بالا تۇغقان ئىكەن، ئۇنداقتا بۇ ئەھۋال، ئۇنى ھامىلدار قىلىپ قويغان بىر ئادەمنىڭ بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
   ساقچىلار ناھايىتى تىزلا، جىنايەت گۇماندارى نىشانىنى لىننانىڭ دادىسىغا بىكىتكەن.  بىراق، لىننانىڭ بىر تۇققانلىرىنى سوراققا تارتىپمۇ، لىننانىڭ دادىسىنىڭ لىننانى ھامىلدار قىلىپ قويغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتقا ئىرىشەلمىگەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە لىننا ئۆزىمۇ بارلىق ئىشلارنى مەخپى تۇتۇپ دىگىلى ئۇنىمىغاچقا، ساقچىلار ئامالسىز ئۇنىڭ دادىسىنى قويۇپ بەرگەن.
   لىننا بۇ ئىشنى ساقچىلاردىنلا ئەمەس، بۇ ئىشنى ئاخبارات قىلغىلى كەلگەن مۇخبىرلاردىنمۇ مەخپى تۇتقان بولغاچقا، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ۋەقەلىك پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلگە سالغان بولسىمۇ، ئەمما جەريانىغا ۋە لىننانىڭ دادىسىغا ئائىت ھېچقانداق ماتىريال ساقلانمىغان.
   لىننامۇ، 5يېشىدا ھامىلدار بولۇپ، 5ياش 7ئايلىق بولغاندا بالا تۇغقانلىقى ئۈچۈن، تىبابەت تارىخىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئانا، تىبابەت ساھەسىدىكى مۆجىز دەپ تەرىپلەنگەن.
   لىننا تۇغقان ئوغۇلغا، ئەڭ دەسلەپ لىننانى تەكشۈرگەن دوختۇرنىڭ ئىسمىنى قويغان، يەنى جىلاردو دەپ ئىسىم قويغان.
   كىيىن دوختۇرنىڭ تەكلىۋى ئاستىدا، لىننا ئاچىلىق سالاھىيىتىدە، ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ئوغلى جىلاردونى بېقىپ چوڭ قىلغان. 1979-يىلى، 40ياشقا كىرگەن جىلاردو سۆڭەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号